ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
2024.09.30
بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۆلەت قۇرغانلىقىغا 75 يىل توشتى. شۇنىڭدەك شۇ يىلىنىڭ ئاخىرلىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغانىدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
29-سېنتەبىر كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيەدىكى تىبەت ۋە موڭغۇللار بىلەن بىرلىشىپ توكيودا ئۈچ مەيدان پائالىيەت ئېلىپ باردى. ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھەر مەركىزىدىكى مەيداندا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، تىبەت ۋە موڭغۇل تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتلەرگە توكيودىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، تەيۋەنلىكلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ياپونىيەلىكلەر ئىشتىراك قىلغان.
بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتلەردىن بىرى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشىمىزدۇر. بۇ نامايىشتا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كېتىشىنى، بۇ 75 يىللىق ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان شوئارلار ئۇيغۇرچە ۋە ياپونچە توۋلاندى. يەنە بىرى باياناتىمىز ئوقۇپ ئۆتۈلدى. بۇ بايانات خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پوچتا ساندۇقىغا تاشلاندى.»
نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، تەيۋەنلىك ۋە خوڭكوڭلۇقلار بىرلىكتە، بىر زالدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە 75 يىللىق تارىخنى قىسقىچە مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى مەزكۇر ئىككىنچى پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
29-سېنتەبىر كۈنى ئاخشام توكيونىڭ ئادەم ئەڭ كۆپ ئۆتىدىغان، ئەڭ ئاۋات شىبۇيا بېكىتىدە تەشۋىقات ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ پائالىيەتتىمۇ كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا نۇتۇقلار سۆزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش كۈندە 29-سېنتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرى مەركىزىدىكى مەيداندىمۇ خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان سىدنېيدىكى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مەھمەت چەلەپچى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «نامايىش جەريانىدا خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان زۇلۇملىرى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ زۇلۇملارنى توختىتىش جەھەتتىن كۈتكەنلىرىمىز توغرىسىدا باياناتلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى. سۆز قىلغۇچىلار، خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن بىر ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خەلقلەرگە قىلغان زۇلۇملىرىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، 2017-يىلىدىن كېيىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلدى.»
سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۆز قىلغان مەھمەت چەلەپچى ئەپەندى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە زۇلۇمىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بۇ زۇلۇمنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
نامايىشتا خىتايغا قارىتا بەزى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەھمەت چەلەپچى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇلار: جازا لاگېرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تاقىلىشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ توختىتىلىپ، تۇتقۇنلارنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى، قۇل ئەمگىكى سىياسىتىنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى، ئاتا-ئانىلىرىدىن زوراۋانلىق بىلەن ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئائىلىلىرىگە قايتۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي كىملىكى، ئۆرپ-ئادىتى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلغان ھالدا ئەركىن ياشىشىغا يول قويۇلۇشى قاتارلىقلار.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلار ئەڭ ئاخىرىدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. مەزكۇر باياناتتا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار ماللارنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىشىنى چەكلەشكە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا رولى بولغان خىتاي شىركەتلىرى، ئىدارە-ئورگانلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا قارشى جازا يۈرگۈزۈشكە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشكە چاقىرىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەر يىلى «1-ئۆكتەبىر» كۈنىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ كۈندە ھەر خىل شەكىللەردىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزىپىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا ۋە مەيدانلارغا توپلىنىپ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.