ياپونىيەدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.02.10
Konusu-shehride-guwahliq-yighinsh

ياپونىيە كونۇسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى فېۋرال. RFA/Erkin Tarim

Konusu-Bekitide-palliyet

ياپونىيە كونۇسۇ شەھىرى پويىز بېكىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى فېۋرال. RFA/Erkin Tarim

Konusu-shehride-namayish

ياپونىيە كونۇسۇ شەھىرىدىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى فېۋرال. RFA/Erkin Tarim

yaponiye-Konusuda-korgezme-3

ياپونىيە كونۇسۇ شەھىرىدىكى كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى فېۋرال. RFA/Erkin Tarim

yaponiye-Konusuda-korgezme-2

ياپونىيە كونۇسۇ شەھىرىدىكى كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى فېۋرال. RFA/Erkin Tarim

yaponiye-Konusuda-korgezme-1

ياپونىيە كونۇسۇ شەھىرىدىكى كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى فېۋرال. RFA/Erkin Tarim

yaponiye-Misato-shehridiki-Korgezme-2

ياپونىيە مىساتو شەھىرىدىكى كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى فېۋرال. RFA/Erkin Tarim

yaponiye-Misato-shehridiki-Korgezme-1

ياپونىيە مىساتو شەھىرىدىكى كۆرگەزمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى فېۋرال. RFA/Erkin Tarim

ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشنىڭ سۇسلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، ياپونىيەنىڭ ئىككى شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تۆت پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇئەييەن نەتىجە قازىنىلغان. پائالىيەتنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، فېۋرال كىرىشى بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيەدە قىزىق تېما سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن پىلانلانغان شۇ خىلدىكى مەخسۇس پىروگراممىلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1-فېۋرالدىن 7-فېۋرالغىچە ياپونىيە سايتاما ئۆلكىسىنىڭ كونوسۇ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان 3 پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ، 2024-يىلى كىرگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى چوڭ پائالىيەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى خەلقئارادا قىزىق تېما سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر دەۋاسىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نىڭ ياپونىيەدە قىزىق تېما بولۇش ئالاھىدىلىكى سۇسلىشىشقا باشلىغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇت مەمەتنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ياپونىيە ئاخباراتى ۋە ياپونىيە ئاممىسىنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ياپونىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشتە بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ رولى زور ئىكەن. ساۋۇت مەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ تېخىچە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى، بۇ خىل پائالىيەت ئارقىلىق جامائەت پىكرى توپلاپ، ياپونىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لىتىپ ئەپەندى بىر ھەپتە داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ، بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ياپونلار ۋە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغاندىن باشقا، ئۇيغۇر پائالىيەت تەشكىللىگەن ئورۇنلارغا كەلگەن يەرلىكلەرگىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇچۇرلار يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بۇرۇنقى پائالىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك، ھەر ئىككى شەھەردە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇڭا مەزكۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە ئىش بېجىرگىلى كەلگەن، ئارام ئالغىلى كەلگەن پۇقرالارنىڭ تەبىئىي ھالدا كۆزى بۇ كۆرگەزمىگە چۈشتى. بۇ يەردە بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەتلىرىدىن تارتىپ، بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋاللىرىغىچە بولغان كەڭ دائىرىلىك مەزمۇنلارنى كۆرگەزمە قىلدۇق. ئاندىن كېيىن لاگېر شاھىتلىرى ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن تەييارلانغان كارتون كىتابلار ۋە تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتتۇق. »

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى يەنە بىر رەسىم كۆرگەزمىسى ياپونىيەنىڭ سايتاما ئۆلكىسى كاماتۇ شەھىرىدە 1-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلانغان بولۇپ، جەمئىي 35 كۈن داۋاملىشىدىكەن.

بۇ پائالىيەتلەرگە باشتىن ئاخىر قاتناشقان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى خەيرىنىسا ياسىن خانىم كۆرگەزمىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دىن يەنىلا بىخەۋەر كۆرۈپ قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاۋام خەلققە تونۇتۇش مەقسىتى بىلەن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى 2021-يىلى 2-ئايدا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئۈچ يىل ئىچىدە تەخمىنەن بېكەتلەردە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش، 120 قېتىمدىن ئارتۇق نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى، 20 مەيداندىن ئارتۇق گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ۋە 20 مەيداندىن كۆپ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.