ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ قوللىغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتتى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.12.26
yaponiye-paaliyet-02 ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ساۋۇت سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 21-دېكابىر، توكيو
RFA/Erkin Tarim

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ياپونلارغا ئاڭلىتىش، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، ياپونلارنىڭ قوللىشىنى ۋە ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتى بىلەن سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 21-دېكابىر كۈنى توكيودا چوڭ بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ قوللىغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتقان. پائالىيەتكە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ باشلىقى، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 2 نەپەر پىروفېسسور، دالاي لامانىڭ توكيودىكى ۋەكىلى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، كانادا قاتارلىق بىرقانچە دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ئۇلار پائالىيەتتە سۆز ئېلىپ بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-دېكابىر، توكيو
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-دېكابىر، توكيو
RFA/Erkin Tarim

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ياپونلاردا يىل ئاخىرى ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا، قوللىغۇچىلىرىغا، ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتىدىغان، زىياپەت بېرىدىغان مۇشۇنداق بىر مەدەنىيىتى بار. بىزمۇ ياپونلارنىڭ مۇشۇ مەدەنىيىتىگە بىنائەن 21-دېكابىر كۈنى بىزنىڭ قوللىغۇچىلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىدىغان بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇردۇق.»

ساۋۇت مەمەت ئەپەندى پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەت ياپونىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ۋە بىزنى قوللاۋاتقان يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى مارىياما ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىدى. پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا ۋىدىيو ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان قىلىپ كەلگەن پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلىگەن قىسقا ۋىدىيولار قويۇلدى. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى، ئۇيغۇرچە تاماقلار قوللىغۇچىلىرىمىزغا تەقدىم قىلىندى.»

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 21-دېكابىر، توكيو
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 21-دېكابىر، توكيو
RFA/Erkin Tarim

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى يىغىندا ئۆزىنىڭ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر يىللىق پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىدا 2024-يىلىدا بىر ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن، ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن سۆز ئېلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن باشقا ئەھمىيەتلىك ئىشنىڭ يوقلىغىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىشقان. ساۋۇت مەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-دېكابىر، توكيو
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-دېكابىر، توكيو
RFA/Erkin Tarim

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ياپونىيەدىكى ئاۋام خەلققە ۋە ھۆكۈمەتكە تونۇتۇش مەقسىتىدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى 2021-يىلى 2-ئايدا باشلىغان. 2024-يىلى كىرگەندىن بۇيان جەمئىي 11 قېتىم پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. ياپونىيەلىك قوللىغۇچىلار بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.