ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فۇكۇكا شەھىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.02.11
yaponiye-fukuka-teshwiqat-01

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فۇكۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 8-فېۋرال، فۇكۇكا، ياپونىيە RFA/Erkin Tarim

yaponiye-fukuka-teshwiqat-02

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فۇكۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 8-فېۋرال، فۇكۇكا، ياپونىيە RFA/Erkin Tarim

yaponiye-fukuka-teshwiqat-03

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فۇكۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 8-فېۋرال، فۇكۇكا، ياپونىيە RFA/Erkin Tarim

yaponiye-fukuka-teshwiqat-04

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فۇكۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 8-فېۋرال، فۇكۇكا، ياپونىيە RFA/Erkin Tarim

yaponiye-fukuka-teshwiqat-05

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فۇكۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 8-فېۋرال، فۇكۇكا، ياپونىيە RFA/Erkin Tarim

yaponiye-fukuka-teshwiqat-06

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فۇكۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 8-فېۋرال، فۇكۇكا، ياپونىيە RFA/Erkin Tarim

yaponiye-fukuka-teshwiqat-07

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فۇكۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 8-فېۋرال، فۇكۇكا، ياپونىيە RFA/Erkin Tarim

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇلار يېقىندا ياپونىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىلىدىغان، جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن كورېيە يېرىم ئارىلى بىلەن خىتايغا ئەڭ يېقىن بولغان فۇكۇكا شەھىرىدە خىتايغا قارشى بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان چوڭ شەھەر فۇكۇكادا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە دوكلات بېرىش، كوچىدا نۇتۇق سۆزلەش، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تەسۋىرلەنگەن كارتون كىتابى ۋە ۋاراقچىلار تارقىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر پائالىيەتكە ياپونىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزالىرى، كارخانىچىلار، خەلق ئاممىسى ۋە ژۇرنالىستلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. بۇ پائالىيەت داۋامىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن باشقا، ياپونىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزالىرىمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خىزمەتلىرىگە مەسئۇل ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئالدى بىلەن 2-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئالدى بىلەن 8-چىسىلا ئەتىگەن فۇكۇكا شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىدىكى خوكاتا پويىز بېكىتىدە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ باردۇق. بۇ پائالىيەتكە فۇكۇكا شەھىرىدىكى يەرلىك قوللىغۇچىلىرىمىز ۋە توكيودىن كەلگەن قوللىغۇچىلىرىمىز قاتناشتى. بۇ پائالىيەتتە مەن بىلەن ئابدۇكېرىم ئابدۇراھمان ئالمىشىپ تۇرۇپ نۇتۇق سۆزلىدۇق. بىز بۇ جەرياندا مەخسۇس تەييارلانغان ئىككى ساندۇق تەشۋىقات ۋاراقچىسى بىلەن كارتون كىتابلارنى تارقاتتۇق. قاتتىق قار يېغىپ ھاۋا سوغۇق بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، قوللىغۇچىلىرىمىز ئىككى سائەت بىز بىلەن بىللە بولدى».

8-چىسىلا چۈشتىن كېيىن، فۇكۇكا شەھىرىنىڭ خوكاتا پويىز بېكىتى قېشىدىكى بىر يىغىن زالىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە قىزىقىش ناھايىتى زور بولغان. ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى بىزگە بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا ئالدى بىلەن فۇكۇكا شەھەرلىك سابىق دۆلەت پارلامېنت ئەزاسى ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تايلاندتا قامىلىپ تۇرغان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇكېرىم ئابدۇراھمان ئۆزىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردۇق».

ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكلاتنى ئاڭلىغان ياپونىيەلىكلەر ئۇلاردىن، «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردۈڭلار، سىلەرنىڭ ياپونىيەدىكى ھاياتىڭلار بىخەتەرمۇ؟ سىلەر تارىختا ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى قۇرغان ئىكەنسىلەر، رەسمىي ئارمىيەڭلار بولغانمۇ؟ خىتايدىكى ئورگان سودىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرى بولۇۋاتىدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان.

ساۋۇتجان مەمەت، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ۋە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن ياپونىيە قۇرۇقلۇقىنىڭ خىتايغا ئەڭ يېقىن بولغان جايىدىكى فۇكۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «2-ئاينىڭ 9-كۈنى خىتاينىڭ فۇكۇكا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدۇق. فۇكۇكا جۇغراپىيە جەھەتتىن كورېيە يېرىم ئارىلىغا ۋە خىتايغا ئەڭ يېقىن بىر جايدىكى شەھەردۇر. ياپونىيە بۇ يەرلەرنى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدۇ. فۇكۇكا شەھەر ئاھالىلىرىمۇ خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بىر يەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى زور دەپ قارايمەن».

ياپونىيەنىڭ فۇكۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇراھمانئابدۇراخمان ئەپەندى، 4 يىلدىن بۇيان ياپونىيەدىكى پۈتۈن شەھەر ۋە يېزىلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بۇ پائالىيەت توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش، كۆرگەزمە ئېچىش، ھۆججەتلىك فىلىملارنى كۆرسىتىش ۋە كوچىلاردا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى؛ بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن،مۇنۇلارنى دېدى: «ھازىر ياپونىيە جامائەتچىلىكى بىلەن مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىزنىڭ مەسىلىمىزگە بولغان قىزىقىشى سۇسلىشىپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىمىزنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، باشقىلارغا مەسىلىمىز ھەل بولۇپ بولغاندەك تەسىرات بېرىپ، مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىقىشىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان ياپونىيەلىك قوللىغۇچىلىرىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا بىز بۇ پائالىيىتىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرماقچىمىز. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە بىز مەسىلىمىزنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تۇرۇپ چۈشەندۈرگەن بولدۇق. بۇ پائالىيەتتە سابىق پارلامېنت ئەزالىرىمۇ سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان كىشىلەرگە ئاۋاز بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى دېدى. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پائالىيىتىمىز ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى، دەپ ئويلايمەن» .

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاۋام خەلققە تونۇتۇش مەقسىتى بىلەن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى 2021-يىلى 2-ئايدا باشلىغان. بۇ تۆت يىل ئىچىدە تەخمىنەن 120 قېتىمدىن ئارتۇق بېكەتلەردە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش، 30 مەيداندىن ئارتۇق نۇتۇق سۆزلەش، 25 مەيدان ئەتراپىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.