ياپونىيە پارلامېنتىدا ياڭرىغان ئۇيغۇر ساداسى
2023.10.31
بۈگۈن توكيو ۋاقتى 30-ئۆكتەبىر، دۈشەنبە. ياپونىيەدە ئېچىلىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نىڭ تۇنجى كۈنىدىكى ئومۇمىي يىغىنى بۈگۈن، يەنى دۈشەنبە ئەتىگەن سائەت 9 دا ياپونىيە پارلامېنتىدا رەسمىي باشلاندى. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر جەم بولغان ھەيۋەتلىك يىغىن زالىدا ئالدى بىلەن ياپونىيەنىڭ دۆلەت مارشى ئورۇندالدى، ئاندىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشى قويۇلدى. بۇ جەرياندا يىغىن ئەھلى بىردەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى.
چۈشتىن بۇرۇنقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ھىرۇمى مىتسۇباياشى (Hiromi Mitsubayashi) ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ باشلىنىش سۆزىدە ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
تۇنجى بولۇپ ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى كېئىجى فۇرۇيا (Keiji Furuya) ئەپەندى سۆز قىلدى. كېئىجى فۇرۇيا ئەپەندى ياپونىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ئاۋام پالاتا ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ياپونىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى، ياپونىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە تەدبىر ئېلىش كېڭىشىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى ياپونىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلىدىغان چاغدا، خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن يوڭخۇا بۇنىڭغا ئارىلاشقان پارلامېنت ئەزالىرىغا تەھدىت خېتى ئەۋەتكەن؛ بۇ خەتتە ياپونىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي-ياپونىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى؛ شۇڭلاشقا ياپونىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇشقا ئارىلاشقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىسىنىڭ ئاقىلانە تاللاش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ھالبۇكى، ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ئەلچىسىنىڭ بۇ تەھدىت خېتىگە پەرۋا قىلمىغان. كېئىجى فۇرۇيا ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، ياپونىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاشكارىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدا رەسمىي تۈردە مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلانغانلىقىدىن چوڭقۇر غۇرۇر تۇيغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خەلقئارادىكى كۆپلىگەن ئورگانلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە شەخسلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن خالىس تىرىشچانلىقىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكى ۋە مەدەت ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئارقىدىن ئامېرىكانىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەلچىسى رايموند گرېن (Raymond Greene) سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. مۇئاۋىن باش ئەلچى رايموند گرېن، ئامېرىكا روھىنىڭ 16-ئەسىردە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئىزدەپ يېڭى قۇرۇقلۇققا قەدەم باسقان بىر تۈركۈم تەۋەككۈلچىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق ئىستىكى ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ كۈرەشلىرىدىن بىخ سۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان مەجبۇرىي ئەمگەك، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە باشقا تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇئاۋىن باش ئەلچى رايموند گرېن ئەپەندى، يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىنىي ئەركىنلىكى باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان ئىنسانلارنىڭ تۇغما ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن سۆز قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ تەرىپىدە تۇرىدۇ. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك سېپىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ۋە زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى يەنە ئىندىۋىدۇئال شەخسلەرنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكى، ئىززەت-غۇرۇرى ۋە ئەركىنلىكىنى كۈچلۈك شەكىلدە ھىمايە قىلىدۇ. مانا بۇ 2021-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ نېمە ئۈچۈن ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›غا ئىمزا قويغانلىقى، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ قارىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.»
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن مايك گاللىگېر ئەپەندى ئېكران ئارقىلىق يىغىن ئەھلىگە تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. مايك گاللېگېر سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلەپ ئۆتتى:
«بىز بۇ قورقۇنچلۇق رېئاللىققا چوقۇم يۈزلىنىشىمىز كېرەك. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلىق ئېتىقادى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنماقتا ياكى قولغا ئېلىنماقتا. ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت بۇ قورقۇنچلۇق جىنايەت خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنماقتا. ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن بىز سىلەرنىڭ باتۇرلۇق ۋە چىدامچانلىقىڭلاردىن چوڭقۇر تەسىرلەنمەكتىمىز. بىز سىلەرنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىڭلارنى بىلىمىز. بۇ يىل مارتتا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى گۇۋاھلىق بېرىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم شىنجاڭدىكى قورقۇنچلۇق رېئاللىقنىڭ ئىچ يۈزىگە قاراتتى. بۇ ئىككى نەپەر لاگېر شاھىتى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى سىستېمىلىق زوراۋانلىقلىرىغا گۇۋاھ بولدى. بىر خەلقنىڭ، بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋە بىر كوللېكتىپ گۈزەل ئەخلاقنىڭ يوقىتىلىشىغا شاھىت بولدى. ئۇلار يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئېتنىك ۋە دىنىي قىرغىنچىلىققا شاھىت بولدى.»
سېناتور جېف مېركېلى ئەپەندىمۇ ياپونىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» گە ئېكران ئارقىلىق تەبرىك سۆزى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرگەن:
«مەن سېناتور جېف مەركېلى، تۆۋەندىكىلەرنى سەمىڭلارغا سېلىپ ئۆتۈشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن: ناھايىتى ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېلىھەم دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇشقا ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر جىنايەت بولۇپ، كەمسىتىش، خالىغانچە قاماققا ئېلىش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن› دېيىلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى رەسمىي تۈردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇدى. بىز بۇ قېتىم توكيودا ئېچىلغان پارلامېنتلار كېڭىشىنى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بىر مۇھىم مۇنبىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنى بۇنداق قىرغىنچىلىقتىن قوغدىشىمىز، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز ۋە قوللىشىمىز لازىم!»