تونۇلغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى مۇراكامى: «ياپونىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاكتىپ ئارىلاشمىسا، جازا تەدبىرلىرى ئالمىسا بولمايدۇ»
2024.03.22
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە قارىتا ياپونىيەنىڭ ئاۋام پۇقرالىرى، مەتبۇئاتلار ۋە سىياسەتچىلەر بۇرۇنقىدىن ئاكتىپ ھالەتكە يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئاكادېمىكلەر ئىچىدىن بۇ مەسىلىگە ئاۋاز چىقىرىدىغانلار ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 20-مارت كۈنى ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىدە 4 نەپەر داڭلىق پروفېسسورنى تەكلىپ قىلىپ چوڭ كۆلەملىك مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلغان 4 نەپەر پروفېسسور ئىچىدە ئاكو توموكو خانىم بىلەن مۇراكامى ماساتوشى ئەپەندى ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا دىپلومات بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، مۇراكامى ئەپەندى دوكلاتىدا ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاكتىپ ئارىلاشمىسا، خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرى ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالدى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. ئارقىدىن توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى پروفېسسورى ئاكو توموكو خانىم «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇشىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ» دېگەن تېمىدا، قانۇنشۇناسلىق كەسپى پروفېسسورى خىرانو ساتوشى ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن گۇمانلىنىدۇ؟ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى مەزگىلىدىكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭى» دېگەن تېمىدا، تارىخ پروفېسسورى سۇگىياما كىيوخىكو ئەپەندى «تارىخ بويىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نەزەر» دېگەن تېمىدا، ئاخىرىدا بولسا كوگاكاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دوتسېنتى مۇراكامى ماساتوشى ئەپەندى «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىچىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ، دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: «ياپونىيە تاشقى سىياسەت، بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە قىممەت قارىشى ئوخشاش بولغان غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ياپونىيە خەلقئارادىكى مەسئۇلىيەتچان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاكتىپ ئارىلاشمىسا ھەمدە جازا تەدبىرلىرىنى ئالمىسا بولمايدۇ. بۇ بىز يۈزلەنمىسەك بولمايدىغان مۇقەررەر يۆنىلىشتۇر.»
پروفېسسور خىرانو ساتوشى ئەپەندى دوكلاتىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچى دەپ جازالاۋاتقانلىقىنى، ئەسلى بۆلگۈنچىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ داۋاملىق بۆلگۈنچىلىكنى باستۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. ئەمما ئېنىقكى، شى جىنپىڭ ماڭغان يول خىتاي جەمئىيىتىدە ئېغىر بۆلۈنۈش پەيدا قىلماقتا. مېنىڭ يەكۈنۈم شۇكى، شى جىنپىڭ ھەقىقىي بۆلگۈنچى».
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ سەرخىللىرىغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان رەھىمسىز سىياسىتىنى پەقەت ئاز سانلىق مىللەت مەسىلىسى ياكى دىنىي مەسىلە دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بىز شى جىنپىڭ بىلەن خىتاينىڭ دۇنيانى مەدەنىيەت-تارىخ نۇقتىسىدىن قانداق ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى خىتاينىڭ ئابرۇيى ۋە قىممەت قارىشىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى بالدۇرراق توختىتىشى كېرەك دەپ قارايمەن.»
تارىخشۇناس پروفېسسور سۇگىياما ئەپەندى دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدە مىللىي مەسىلە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئۇيغۇر مەسىلىسى ئادەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر. خىتاينىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش مىللىي مەسىلە تۈپەيلى قولىدىكى زېمىنىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋەھىمىسىدۇر. خىتاي كوممۇنىستلىرى گۇمران بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئاخىرقى ئىمپېرىيە بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇۋاتىدۇ. بۇ خىل ۋەھىمە تۈپەيلى خىتايلار تارىخنىڭ ئېقىمىغا قارشى بۇ قەدەر ۋەھشىيلىكلەرنى تەپ تارتماي قىلىۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، يول قويساق تېخىمۇ بولمايدۇ».
ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، جۈملىدىن توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بۇنداق بىر يىغىننىڭ ئېچىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالغان ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشىمىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئاكادېمىكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئاۋاز چىقىرىشى، بۇ ئارقىلىق مەتبۇئاتلارغا، ھۆكۈمەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن يېڭىچە يوللارنى ئېچىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ دەپ ئىشىنىمىز».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ، كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، مەزكۇر يىغىننىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ياپونىيەنىڭ باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.