ياپونىيەدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش بويىچە 7 مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن
2024.04.04
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى دۇنيا تاراتقۇلىرىدا، شۇ جۈملىدىن ياپونىيە تاراتقۇلىرى بىلەن ئاۋام پۇقرالار ئارىسىدا «قىزىق نۇقتا» بولۇشتىن پەسكۇيغا چۈشۈشكە باشلىغان. مانا مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى 3 چوڭ ئۆلكىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش بويىچە 7 مەيدان پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ توكۇشىما شۆبىسى ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ياپونىيەنىڭ غەربىي ئۆلكىلىرىدىكى ئاۋام پۇقرالار ئارىسىدا بىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 13-مارت كۈنى ياپونىيە توكۇشىما ئۆلكىسىنىڭ توكۇشىما شەھىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان 2 كۈنلۈك رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن. 29-مارت كۈنى خىيوگو ئۆلكىسىنىڭ كوبې شەھىرىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىش پائالىيىتى؛ 30-مارت كۈنى توكۇشىما ئۆلكىسى توكۇشىما شەھىرىدە گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەييارلانغان ۋاراقچىلارنى تارقىتىش پائالىيىتى؛ 31-مارتتا كاگاۋا ئۆلكىسىنىڭ تاكاماتسۇ شەھىرىدە گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ۋاراقچە تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ، 2024-يىلى كىرگەندىن بۇيان ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ پائالىيەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى پۈتۈن ياپونىيە خەلقىگە ئاڭلىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان بىر دۆلەت، شۇنداقلا 1980-يىللاردىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ئوقۇغان ۋە تەربىيەلەنگەن دۆلەت. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرى بۇرۇندىن تارتىپ پايتەخت توكيوغا مەركەزلەشكەنلىكتىن، ياپونىيەنىڭ باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق كۆپ پائالىيەتلەر بولمىغان. بۇ قېتىم ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تۇنجى قېتىم توكيودىن ئۇزاق ئۆلكىلەردە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم پائالىيەتلىرى توكيو ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا، توكيودىن ئۇزاق ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تازا بىلىنىپ كەتمىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ جايلاردا بىزنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانىمۇ چەكلىك ئىدى. بىز بۇلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ قېتىم توكيوغا 600-700 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى 3 ئۆلكىدە 7 مەيدان پائالىيەت ئۇيۇشتۇردۇق.»
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى، بۇ قېتىم ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، شۇنداقلا كۆپ ساندىكى قوللىغۇچىلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى: «بىزنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ياپونىيەلىك قوللىغۇچىلىرىمىزنى كۆپەيتىش ئارزۇيىمىز بار ئىدى. بۇ پائالىيەتلىرىمىز جەريانىدا جەمئىيىتىمىزگە ئەزا بولغانلار بولدى. بۇ بىز ئۈچۈن يېڭىلىق بولدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەريانىدىكى يەنە بىر يېڭىلىق شۇ بولدىكى، توكيو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىلگىرىكى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ كۆپى ئوڭچى تەشكىلاتلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەرنى سولچى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ باردۇق. ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدىغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ توكۇشىما شەھىرىدىكى شۆبىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، توكۇشىما ئۆلكىسىدىكى پائالىيەتلىرىمىزنى ئۇيۇشتۇردۇق. پۈتۈن ياپون خەلقىگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ھەر خىل كۆز قاراشتىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. بۇ قېتىم ياخشى بىر باشلىنىش بولدى، دەپ ئويلايمەن.»
ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ياپونىيەلىكلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تارتىش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئاخباراتلاردا ئورۇن ئېلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ قېتىمقى 7 مەيدان پائالىيەتنىڭ ياپونىيە ئاخباراتلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق، بىرى ھازىرغىچە پائالىيەت قىلىپ باقمىغان رايونلاردا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتۇق. يەنە بىرى، بۇ پائالىيەتلىرىمىزنى يەرلىكتىكى پۇقرالاردىن سىرت مۇخبىرلارمۇ كېلىپ زىيارەت قىلدى، بىر قىسىم مەتبۇئات ۋە گېزىتلەر بۇنى خەۋەر قىلدى. بۇلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ياپونىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
ساۋۇت مەمەت ئەپەندى، مەيلى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ۋاراقچىلارنى تارقىتىش جەريانىدا بولسۇن ياكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا بولسۇن، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بولغان قىزىقىشنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ياپونىيەدىكى ئاۋام خەلققە تونۇتۇش مەقسىتى بىلەن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى 2021-يىلى 2-ئايدا باشلىغان. 2024-يىلى كىرگەندىن بۇيان جەمئىي 10 قېتىم پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.