ياۋروپا پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدا نامايان بولغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ھەققىدە تەسىراتلار

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.07.01
adile-kok-bayraq.jpg ئۇيغۇر قىزى ئادىلە «ياۋروپا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن چېخىيە مۇسابىقىسى مەيدانىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېلىپ كىرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 26-ئىيۇن، ھامبۇرگ، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

«ياۋروپا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدا كۆزگە چېلىققان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى توغرىسىدىكى ھاياجانلىق بايانلار بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قاپلىدى. ئۇيغۇر جامائىتى، بۇ جاسارەتنى كۆرسىتەلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا يۇقىرى باھالار بېرىشىپ، بۇنى «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىنىڭ بىر نامايەندىسى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن تەرىپلەشتى.

گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە 26-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە بىلەن چېخىيەنىڭ مۇسابىقىسىدە كۆك بايراقنىڭ سىيماسىنى قانچە مىليونلىغان تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلغان قىزنىڭ ئىسمى ئادىلە، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئىسمى بىلگە خاقان ئىدى. بۈگۈن بىزنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغان بۇ ھادىسە ھەققىدە ئادىلە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەمدە ياۋروپادىكى بەزى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىمىز بولدى.

ئادىلە ۋە ئۇنىڭ يولدىشى بىلگە خاقان «ياۋروپا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن چېخىيە مۇسابىقىسى مەيدانىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن تۈركىيەنىڭ بايرىقىنى ئېلىپ كىرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 26-ئىيۇن، ھامبۇرگ، گېرمانىيە.
ئادىلە ۋە ئۇنىڭ يولدىشى بىلگە خاقان «ياۋروپا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن چېخىيە مۇسابىقىسى مەيدانىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن تۈركىيەنىڭ بايرىقىنى ئېلىپ كىرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 26-ئىيۇن، ھامبۇرگ، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

ۋەتەنپەرۋەرلىكى ۋە مىللىي جاسارىتى بىلەن يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان خىتاي زۇلمىغا قارشى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزى ئادىلە «ياۋروپا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېلىپ كىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالغاندا، بۇ بايراقنىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ئىرادىسىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۆچمىگەنلىكىنى خىتاي دۆلىتىگە كۆرسىتىپ قويۇشنىڭ بۇ پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدۇق» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

ئادىلەنىڭ دادىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، قىزىنىڭ جاسارىتىدىن كۆپ پەخىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن يېتىشتۈرۈشنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدە ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئادىلەنىڭ ئانىسى ئامانگۈلمۇ بۇ ھاياجانلىق كۆرۈنۈشنى پەيدا قىلالىغان قىزىدىن ئىپتىخارلانغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئادىلەنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا نىسبەتەن سۆيگۈسى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، ھەتتا تويىدىمۇ بۇ بايراقنى ئېسىشتا چىڭ تۇرۇۋالغان ۋە توي زالىنىڭ سەھنىسىگە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى توي ئاخىرلاشقۇچە ئېسىپ قويغان.

«ياۋروپا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن چېخىيە مۇسابىقىسى مەيدانىغا ئەسىلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى. 2024-يىلى 26-ئىيۇن، ھامبۇرگ، گېرمانىيە.
«ياۋروپا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن چېخىيە مۇسابىقىسى مەيدانىغا ئەسىلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى. 2024-يىلى 26-ئىيۇن، ھامبۇرگ، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى قانچە يۈز مىليونلىغان ئادەم نەق مەيداندىن كۆرىدىغان «ياۋروپا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدا جەۋلان قىلىنغانلىقىدىن ھاياجانلانغان «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى پەرىدە خانىم 27-ئىيۇن ئادىلەنىڭ ئاپىسى ئامانگۈلگە يوللىغان ئۇچۇرىدا، بۇ كۆرۈنۈشتىن كۆزلىرىگە ياش ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بۇ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھامان بىركۈنى مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا قارىتا ئىشەنچىنىڭ بىر نامايەندىسى» دېگەن.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى ئادىلە ۋە ئۇنىڭ يولدىشى بىلگە خاقاننىڭ ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ئىھسان شۈكرانمۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر قىزى ئادىلە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشتا سۆزلىمەكتە. 2015-يىلى ميۇنخېن، گېرمانىيە.
ئۇيغۇر قىزى ئادىلە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشتا سۆزلىمەكتە. 2015-يىلى ميۇنخېن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

مەلۇم بولغىنىدەك، «ياۋروپا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 2024-يىلى 14-ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە باشلانغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە 14-ئىيۇلغا قەدەر داۋام قىلىدىكەن. مەزكۇر مۇسابىقە مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن مىليونلىغان توپ مەستانىلىرى نۆۋەتتە گېرمانىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە قاينام تاشقىنلىق بىر مەنزىرە پەيدا قىلماقتا. ئەسلىدە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ «Hisense»، «Huawei»، «BYD» قاتارلىق شىركەتلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇسابىقە مەيدانلىرىدا ئېلان بېرىپ، ئۆزلىرىنى بازارغا سالماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ نامايان قىلىنىشى ھاياجانلىق بىر ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.