ياۋروپا دۆلەتلىرىدە 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2024.02.05
بۇنىڭدىن 27 يىل بۇرۇنقى، يەنى 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى زور ساندىكى غۇلجا ياشلىرى نۆلدىن تۆۋەن قەھرىتان سوغۇققا قارىماي كۆكرىكىنى كېرىپ مەيدانلارغا چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىنى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى نامايان قىلىشقان. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى باستۇرۇشقا ئۇچرىغانىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قاتارىدا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىنمۇ تۈرلۈك شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.
گېرمانىيەدە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر جان ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 5-فېۋرال كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە، گېرمانىيە باۋارىيە ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشىدا، ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
نامايىشتا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى؛ «بۈگۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق زور بىر مەسىلىگە ئايلىنىشى، ئەنە شۇ ۋەتەن ئىچىدىكى قەيسەر خەلقىمىزنىڭ تۆلىگەن ئېغىر بەدەللىرىنىڭ، ھاياتى بەدىلىگە ئېلىپ بارغان تىنىمسىز كۈرەشلىرىنىڭ، زۇلۇمغا ۋە ئۆلۈمگە تىز پۈكمەيدىغان شانلىق روھىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى ۋە نەتىجىسىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلۈكى، ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان، قەھرىمان ئەۋلادلىرىمىزنى قەلبىمىزدە ئەبەدىي ياشنىتىش، ئۇلارنىڭ كۈرەشچان ئىرادىسى ۋە مىللىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىش مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي ۋە ۋىجدانى بۇرچىدىن ئىبارەت! » دېدى.
ئەنە شۇنداق نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ بىرى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا 4-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان بۇ نامايىشنى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى قاتارلىقلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن. گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە گوللاندىيەدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋەكىللىرى قاتناشقان. نامايىشتا جاراڭلىق شوئارلار توۋلانغان ۋە نۇتۇقلار سۆزلەنگەن بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشايدىغان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 1997-يىلى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىلەرگە تاشلاپ ۋە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلىشتەك ھەر خىل قاتتىققول چارىلار بىلەن جازالىغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ: «بىز چەتئەللەردە، ئەركىن ياشاۋېتىپمۇ، ۋەتەندىكى تۈرمە، لاگېرلاردىكى خەلقىمىزگە ئىگە چىقالمىساق، ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولالمىساق ئىككى ئالەمدە قارا يۈز بولۇپ كېتىمىز. تېخى لاگېرلار تاقالغىنى، ۋەتەن ئازاد بولغىنى، شەرقىي تۈركىستان ئىشغالدىن، قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلغىنى يوق» دېدى.
قەلبىنۇر سىدىق خانىم يەنە: «غۇلجا 5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى 27 يىلدىن بۇيان يۈرىكىمىزدىكى يارا بولۇپ كەلدى» دەپ تەكىتلىدى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارا بېسىم سەۋەبىدىن ئاقلاشقا كىرىشىپ، ھەر خىل تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ھەتتا چەت ئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاينىڭ بۇ تەتۈر تەشۋىقاتىغا ماسلىشىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
نامايىش ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى رەئىسى ئادىلجان ئابدۇكېرىم گوللاندىيەدىكى يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇندىن 27 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلدى.
ئامستېردامدىكى بۇ نامايىش ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان.
نامايىش تەشكىللىگۈچى پائالىيەتچىلەردىن بىرى ئابدۇرېھىم غېنىمۇ بۈگۈنكى نامايىشتا سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى يەنە 3-فېۋرال كۈنى، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىمۇ كەڭ-كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى، نامايىشتا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى جازا لاگېرلىرىدىكى ۋە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، بېلگىيە خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندى، بېلگىيەدىكى نامايىش ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ، نامايىشنىڭ ناھايىتى جانلىق كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، نامايىش مەيدانىدا رەسىملەرنى كۆرگەن بېلگىيەلىكلەرنىڭ خىتاينىڭ قۇل ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىق ئۈچۈن بۇندىن كېيىن تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ شۇنداق دەيدۇ؛
4-فېۋرال كۈنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇرلىرىمۇ خىتاينىڭ سىتوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا، 5-فېۋرال قىرغىنچىلىقىنىڭ 27 يىللىقى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.
نامايىشچىلار جاراڭلىق ئاۋازلىرى بىلەن: «تاجاۋۇزچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت! ئۇيغۇرلارغا ھۆرىيەت! شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق! » دېگەندەك شوئارلار بىلەن، خىتاي ئەلچىخانىسى ئەتراپىنى زىلزىلىگە سالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ جاراڭلىق شوئار سادالىرىدىن ساراسىمىگە چۈشكەن خىتاي ئەلچىخانىسى يۇقىرى ئاۋازلىق كانايلار بىلەن، قىزىل ناخشىلارنى قويۇپ، نامايىشچىلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىۋېتىشكە ئۇرۇنغان.
1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى بىرقانچە مىڭ ئۇيغۇر ياش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىگە، جۈملىدىن مىللىي مەشرەپ مەدەنىيىتى، پۇتبول قاتارلىق ئاممىۋى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇشىغا ئۇچرىغانىدى. نەتىجىدە، نەق مەيداندا زور ساندىكى ياشلار قولغا ئېلىنغان، يارىلاندۇرۇلغان ۋە ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى، بۇ نامايىشنى خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر، تۈرمىلەردىكى ۋە تۇتقۇن ئورۇنلىرىدىكى ئەشەددىي جازالاش تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. مانا شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مۇھاجىرىتى ھەر يىلى 5-فېۋرال قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ۋە نامايىشلار ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ يەنە ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە ۋە باشقا ئەللەردىمۇ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مەلۇم.