ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟
2024.06.27
مەلۇم بولغىنىدەك، 2021-يىلى 3-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بىر بۆلەك ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا ۋە ياۋروپادىكى بەزى ئاقىللار ئامبىرىغا جازا يۈرگۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۈركىلىشىگە ئاساس سالغان ئىدى. ئارقىدىنلا ياۋروپا پارلامېنتى «ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» نى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بىر قارار قوبۇل قىلىپ، خىتايغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بۇ سۈركىلىشنى «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ ئوت پىلتىسى» دەپ ئاتاپ كېلىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئارقا پەردىسىدىن ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېئىن ئورۇن ئالغان. «دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاياللاردىن بىرى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇرسۇلا ۋون دېر لېئىن خىتاينىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ ئەكسىچە، بۇ قېتىممۇ ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسلىكىنى قايتا ئۈستىگە ئالغان ۋە يەنە 5 يىل داۋام قىلىدىغان ۋەزىپىسىنى باشلىغان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددەت ئىچىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى يەنىمۇ ئەۋجىگە چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 25-ئىيۇن ئېلان قىلغان «سۆھبەتنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىد يوق، سودا ئۇرۇشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتامدۇ؟ » ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىس، ئىستېمال كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى نەتىجىسىدە، دۆلەتنىڭ تولۇقلىما ياردىمى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان خىتاينىڭ تۆت خىل ماركىدىكى توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ئېكسپورتقا تايىنىپ ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىنى تاللىغان. بۇنىڭ بىلەن، 2023-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپلا خىتاينىڭ ئەرزان باھادىكى توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ياۋروپا بازارلىرىغا تۆكمە قىلىنىپ، ياۋروپا ئاپتوموبىل سانائىتىگە ئېغىر خىرىس پەيدا قىلغان.
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېئىن يېتەكچىلىكىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا 39. 1 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى، ئەگەر باشقىچە كېلىشىش ئىمكانلىرى بولمىسا، 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا ئەسلىدىكى 10 پىرسەنت باج بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 49.1 پىرسەنت باج قويۇش قارارىنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە بۇ قاراردىن ۋاز كەچمىسە، خىتاي بۇنىڭغا قارىتا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، خىتايدا تۆت كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى روبېرت ھابەك گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى ماجىرالىرىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان سودا رىقابىتىگە ئومۇميۈزلۈك تەييارلىق قىلىشى كېرەك» دېگەن چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەگەر خىتاي ئاپتوموبىللىرىغا قويغان باجنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرسە، خىتايمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىدىكەن ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەنمۇ سودا ئۇرۇشى پارتلايدىكەن.
دەرۋەقە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى باج سىياسىتىگە قارشى خىتاي ھاكىمىيىتى ياۋروپادىن ئىمپورت قىلىۋاتقان چوشقا گۆشى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان. مۇبادا خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ياۋروپا تاۋارلىرىغا باجنى ئۆستۈرۈش ياكى ياۋروپا تاۋارلىرىنى چەكلەشكە ئوخشايدىغان تەدبىرلەرنى ئېلان قىلسا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن.
نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ كۈنتاختا ۋە توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايانغان ئەرزان باھادىكى مەھسۇلاتلار بولغانلىقى ھەمدە خىتاي دۆلىتى ئۇلارغا تولۇقلىما ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن رىقابەتلىشەلىشى ئاسانغا توختىمايدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى باج سىياسىتى بولسا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى سۈركىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى پارتلىسا، بۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئەگەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى باشلانسا ۋە بۇ ئۇرۇش چوڭقۇرلاشسا، ئۇنىڭ تەسىرى يالغۇز سىياسىي ساھەگىلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، كىشىلىك ھوقۇق ساھەلىرىگە قەدەر كېڭىيىدىكەن. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسەتلىرى يارىتىلىدىكەن.
بەختىيار ئۆمەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر سودا ئۇرۇشى پارتلىسا ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كۈچلۈك قانۇنىي تەدبىرلەرنى يولغا قويالىسا، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە بەلگىلىك رولى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدىكى كۆپلىگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھازىرقى سىياسىي، ئىقتىسادىي سىياسىتىدىن ۋاز كەچمەيدىكەن ھەمدە ياۋروپا بازارلىرىغا قانچىلىك ئېھتىياجلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ياۋروپا ئىتتىپاقىغىمۇ يول قويمايدىكەن. خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قوللاش مەيدانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشى بولسا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى بارغانسېرى كۈچەيتىدىكەن.
گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى روبېرت ھابەك خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن تاراتقۇلارغا قىلغان سۆزىدە «مەنچە، بىز بۇ رىقابەتكە ھەقىقىي رەۋىشتە يۈزلىنىشىمىز لازىم. بىپەرۋالىق، ياۋاشلىق، سۆرەلمىلىك ۋە ھۇرۇنلۇق تاللاش ئەمەس» دېگەن.