«ياۋروپا سىياسەتچىلىرى مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان
2024.10.04
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «ياۋروپا سىياسەتچىلىرى مۇنبىرى» (Politico Europe) نىڭ مۇتەخەسسىسلەر يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. «ياۋروپا سىياسەتچىلىرى مۇنبىرى» -ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئاخبارات ساھەسىدىكى چوڭ قۇرۇلۇشى بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق ناتو دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلىپ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئانالىز، تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە دۇنيا سىياسىتى ھەققىدە كەڭ ساھەلىك مۇلاھىزە مۇنبەرلىرى تەشكىللەيدۇ. بۇ قېتىمقى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىغا 300 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس قاتناشقان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى يەنىلا مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارار بولۇپ قالغان. نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختا، پاختا كىيىملەرنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى يەنىلا ياۋروپا بولۇپ كەلمەكتە. دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە يەنە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش نېمىلەرنى قىلالايمىز دېگەن تېمىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا قوبۇل قىلىنىپ، 2025-يىلى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان چەكلەش قارارىدا، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، بۇ قارار بىۋاسىتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چىقىرىلغان ياكى پەقەتلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى چىقىرىلغان قارار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ بىر سىياسىي بايان بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. دولقۇن ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە تېخىمۇ كەسكىن قارارلارنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن بەزى لوبىچىلىق (سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنى قايىل قىلىش) پائالىيەتلىرىدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا دۆلەتلىرى گەرچە كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى يەنىلا ياۋروپا بولۇپ كەلمەكتە. يەنە كېلىپ، ئۇ پەقەت كىيىم-كېچەك ۋە كۈنتاختا ساھەسىدىلا ئەمەس، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىمۇ يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىمەكتە. بۇ ھەقتە شېففىلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتى مەجبۇرىي ئەمگەك تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى يالقۇن ئۇلۇيول ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاللىقاچان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى» دېگەنىدى. مۇتەخەسسىسلەر ۋە ياۋروپادىكى بەزى مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى ئۈچۈن تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى تېخىمۇ كەسكىن قارارلارنى ئېلىش كېرەك، دەپ قارايدىكەن.