ياۋروپا پارلامېنتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قارارى ماقۇللىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.06.10
ياۋروپا پارلامېنتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قارارى ماقۇللىغان ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىلەت تاشلاش مۇراسىمىدىن ئىلگىرىكى كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 9-مارت، فىرانسىيە.
Photo: RFA

ياۋروپا پارلامېنتى 9-ئىيۇن كۈنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن قەبىھ جىنايەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» شەكىللەندۈرگەن جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ياۋروپا بازىرىغا ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان مۇھىم بىر قارارنى ماقۇللىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئاخباراتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ماقۇللىغان بۇ قارار خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنىڭ ئۈنۈملۈك قورالى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قارار ياۋروپا كومىسسىيونىغا مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش توغرۇلۇق كۈچلۈك تەكلىپلەرنى بەرگەن. ياۋروپا كومىسسىيونى بۇ يىل 9-ئايدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا بازىرىغا ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىغان بىر قارار خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپادا سېتىشنى چەكلەش سودا قوللانمىسى ھەققىدىكى قارار ئىكەن.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارارى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللانغان ۋە بۇ يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھەر ئىككى تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىشتە چوڭ رول ئوينايدىكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەمدى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى بىر-بىرىگە قارشى قويۇش، ئۇلاردىن ئايرىم-ئايرىم پايدىلىنىش ئويۇنىنى ئوينىيالمايدىكەن.

ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىغان بۇ قارار دېموكراتىك ئەللەرنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشىنى، زامانىۋى قۇللۇقنى يوقىتىش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قارار بولۇپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىغا خاتىمە بېرىش تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىغان بۇ قارارنىڭ پەقەت مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا يانداش مۇلازىمەتلەرنى چەكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ قارارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش جەھەتتە ئەھمىيەتلىك بىر قارار بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينى توختىتىشنىڭ بىردىنبىر ئامالى ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشمۇ؟ سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئىقتىساد بىلەن خىتاينىڭ گېلىنى بوغۇش ئارقىلىق ئۇنى پەيلىدىن ياندۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئىقتىسادىي جازا بىلەنلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېتلىر گېرمانىيەسى ۋە بۈگۈنكى بېرماغا خەلقئارادىن ئىقتىسادىي چەكلىمە قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئومۇميۈزلۈك جازا يۈرگۈزۈش، ھەتتا بۇ مۇستەبىت، رەزىل ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋېتىش كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.