ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا قارىتا «جازاغا قارشى قورال» ئېلان قىلغان
2023.06.08
مەلۇم بولغىنىدەك، 2021-يىلى لىتۋا پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنى جىددىي تەكشۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ئارقىدىنلا لىتۋا يەنە تەيۋەننىڭ لىتۋا پايتەختى ۋېلنىيۇستا ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا يول قويۇپ، خىتاينىڭ تېخىمۇ جېنىغا تەگكەن. نەتىجىدە، خىتاي ھاكىمىيىتى لىتۋاغا قارىتا ئېغىر ئىقتىسادىي جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈپ ئۆچىنى ئالغان، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلۇپ، شۇ يىلى 8-ئايدا ئىككى تەرەپ ئۆز ئەلچىلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن ئىدى.
خىتاينىڭ لىتۋاغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازا تەدبىرى ئۆز ۋاقتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىدا سىرتتىن كەلگەن ئىقتىسادىي بېسىملارغا ياكى بىر تەرەپلىمە ئېمبارگولارغا قارشى قوللىنىدىغان بىرەر ئورتاق قانۇن ياكى كونكرېت جازا تەدبىرلىرى بولمىغانلىقىنى ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ بۇ يولسىزلىقىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. ھەتتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى سۆز قىلغان ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلىگەن ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا، ياۋروپا تەۋەسىدىكى دىپلوماتلارغا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە، تەتقىقات مەركەزلىرىگە قارىتا يۈرگۈزگەن خىتاينىڭ ئېمبارگو جازالىرىغىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى لايىقىدا جاۋاب قايتۇرالمىغان.
ياۋروپا كومىسسىيۇنىنىڭ 6-ئىيۇن ئېلان قىلغان «ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بېسىملىرىنى چەكلەش ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن سىياسىي قورال» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخىرى سىرتتىن كەلگەن ئىقتىسادىي بېسىم ياكى ئىمبارگولارغا ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغان بىر بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. كىشىلەر خىتاي كەبى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي بېسىم ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە، ئۆز مەيلىچە جازا يۈرگۈزۈشىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ بەلگىلىمىنى «جازاغا قارشى قورال» دەپ ئاتىغان.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «جازاغا قارشى قورالى» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بېسىلغان مۇھىم بىر ئىستراتېگىيەلىك قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچىگە تايىنىپ دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىنى چەكلەش ۋە بەلكى بۇنداق بىر مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوققا چىرىش يولىدا چامىنىڭ يېتىشىچە ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 7-ئىيۇن ئېلان قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى سىرتتىن كەلگەن ئىقتىسادىي بېسىملارغا ‹ياق› دەيدىغان جازاغا قارشى قورالنى سەھنىگە ئېلىپ چىقتى» ناملىق خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە توسالغۇ بولۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن سىرتتىن كەلگەن ئىقتىسادىي جازالارغا قارشى بۇ قورالنى تەتبىق قىلىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق بايان قىلغان: «ھەرقانداق دۆلەت مۇبادا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي قارارلىرىغا چات كەرسە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. 6-ئىيۇن كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى يېڭى بىر جازا قورالى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر ئۈچىنچى بىر دۆلەت بىنورمال ئىقتىسادىي جازا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي قارارلىرىغا توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ دۆلەتكە جازا خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قارشى جازا يۈرگۈزىدۇ.»
ھالبۇكى، خىتاينىڭ زومىگەرلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىدىن ۋۇجۇدقا چىققان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «جازاغا قارشى قورالى» خىتاينى خېلى بەكلا بىئارام قىلغان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، 7-ئىيۇن كۈنى خىتاي باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر قورالنى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، قورالنى ياۋروپا چىقارسا، ئامېرىكانى جازالاشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئاجىز دۆلەتلەرگە يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىقتىسادىي زوراۋانلىقلىرىنى بولسا تاختا بېشىغا ئېلىپ قويغان.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېگەن: «خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەر ئىككىسى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي بېسىملىرىنىڭ قۇربانلىرىدۇر. ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايغا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلىمەكتە. بۇ خىل تېخنىكالىق زوراۋانلىق قىلمىشلىرى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر زەربە بېرىپ، يالغۇز خىتاينىڭلا ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلماقتا ھەمدە كۆپ تەرەپلىك سودا پرىنسىپلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپلەرگە ئېغىر دەرىجىدە زەربە بەرمەكتە. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي بېسىملىرىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
شىۋېتسىيەدىكى د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قانۇنى رەسمىي يولغا قويۇلسا، ياۋروپادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەۋاتقان، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى تۇرۇۋاتقان ئىنسانلارغا جاسارەت ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنى قۇيرۇقىنى قىسىشقا مەجبۇرلايدىكەن.
خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر «جازاغا قارشى قورالى» قارشى دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سالغان بىۋاسىتە مەبلەغلىرىنى چەكلەش، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئاممىۋى قۇرۇلۇشلارغا قاتقان ھەسسىلىرىنى بىكار قىلىش، مۇلازىمەت كەسىپلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تىجارەتلىرىگە چەكلىمە يۈرگۈزۈش، ماللىرىنى چېگرا ھەم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىدىغان تاۋارلىرىنى بايقۇت قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ۋالدىس بۇ ھەقتە توختالغاندا، «جازاغا قارشى بۇ قورال بىزنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى مۇكەممەل قوغدىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ. ئەگەر مەزكۇر جازاغا قارشى قورال توغرىلىق ئاخىرقى پىكىر بىرلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋۇجۇدقا چىقسا، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى باسقان مۇھىم بىر تارىخىي قەدەم بولۇپ قالىدۇ» دېگەن. ئەمما مەزكۇر بەلگىلىمە بۇ يىل كۈزدە رەسمىي يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، ياۋروپا كېڭىشى ۋە پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەككەن.