يەركەندە دېھقانلارنىڭ 500 مو يېرى ۋە بىر قىسىم ئۆيلىرى شاڭخەيلىكلەرگە بىكارنىڭ ئورنىدا بېرىۋېتىلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.11.13
xitay-kochmen-dehqan.jpg خىتاي كۆچمەن دېھقان ھوسۇل ئالغان قوناقنى تراكتور بىلەن 2.4 كىلومېتىر يولغا يېيىپ قۇرۇتۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2008-يىلى 6-مارت، ئۈرۈمچى.
AFP

ئۆتكەن ھەپتە خىتايچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قىسىم خىتاي چولپانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ چىقىپ يەرلىشىۋاتقانلىقى، بۇ يەردە ئۆيلەرنىڭ تولىمۇ ئەرزان ئىكەنلىكى ۋە باغۋارانلىق ھويلىسى بارلىقى تەشۋىق قىلىنغان. خەۋەردە يېقىندا يەرلەشكەن بىر خىتاي ئائىلىنىڭ ياسىداق ئىككى خانىلىق ئۆيى كۆرسىتىلگەن. بۇ تەشۋىقات ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا يەركەن بازار ئىچىدە دېھقانلارنىڭ 500 مو يېرىنىڭ شاڭخەيلىك بىر شىركەتكە بىكارنىڭ ئورنىدا بېرىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مەزكۇر سىنلىق ئۇچۇردا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر باغۋارانلىق ھويلا كۆرسىتىلگەن. ئارقىدىن بۇ ھويلىغا جايلاشقان بىر كۆركەم بىنا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ياسىداق ئىككى خانىلىق ئۆي كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن چاقىرىش ماھىيىتىدىكى بۇ ئېلاندا يېقىندا كۆچۈپ چىققان بىر ئەر-ئايال تونۇشتۇرۇلغان. تونۇشتۇرۇشتا بۇلارنىڭ بۇ جايدا گويا 10 يىلدىن بېرى ياشاۋاتقاندەك سەرەمجانلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

بىز يۇقىرىقى ئۇچۇردا كۆرسىتىلگەن ئۆي ۋە باغلارنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنىڭ كىملىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يەركەن ناھىيەسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاھالىلەردىن بىرى، يېقىنقى يىللاردا كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئائىلىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا بولغاچقا بىر قىسىم تېرىلغۇ يەرلەر، ھەتتا بىر قىسىم قورا-جايلار تاشلىنىپ قالغان. نەتىجىدە دائىرىلەر بۇ يەرلەرنى سېتىشقا چىقىرىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ چۆنتىكىنى تولدۇرسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي شىركەتلىرىگە چوڭ مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىگەن.

بۇ ئاھالىنىڭ مىسال سۈپىتىدە بايان قىلىشىچە، يېقىنقى 3 ئايدىن بېرى يەركەن ناھىيە بازار ئىچى تەۋەلىكىدىكى 500 مو تېرىلغۇ يەردىكى بىر قىسىم زىرائەتلەر ئاغدۇرۇلۇشقا، بۇ تېرىلغۇ يەر ئەتراپىدىكى قورۇ-جاي، قوتان ۋە قورۇق تاملار چېقىلىشقا باشلىغان. دائىرىلەر، بۇ يەرلەر ۋە مۈلۈكلەرنىڭ ھېسابىغا دېھقانلارغا ناھايىتى ئاز مىقداردا تۆلەم پۇلى تارقىتىشقا باشلىغان. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاھالىلەر «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلىشتىن قورقۇپ، بۇ ئىجرائاتقا قارشى ھېچقانداق ئۈن چىقىرالمىغان؛ ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر تۆلەم پۇلىنىڭ ئازلىقى ۋە ئۆزلىرىگە يېڭى كۆرسىتىلگەن قورۇ-جاي ئورۇنلىرىنىڭ قولايسىزلىقلىرى ھەققىدە بازار ۋە كەنت كادىرلىرىغا نارازىلىقلىرىنى بايان قىلغان؛ ئاقىۋەتتە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا گەپ تالىشىش يۈز بەرگەن. بۇ چاغدا كەنت كادىرلىرى ساقچى چاقىرماقچى بولغاندا، دېھقانلار پەسكويغا چۈشكەن ۋە ئۆيلىرىگە قايتقان.

مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن كەنتتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئامانلىق مۇدىرى، بۇ قېتىمقى يەر سېتىشنىڭ ئادىل بولغانلىقى، قانۇن-تەرتىپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ مۇدىر يەنە ئۆزىنىڭ بۇ جەرياندا، دېھقانلار ئىچىدىكى «شىكايەتچى» لەرنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن، ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى شۇ چېقىلىۋاتقان قورۇق تام ۋە قورۇ-جايلارغا بىر-بىرلەپ چاپلاپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر ئاھالىنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، بۇ 500 مو يەر شاڭخەيلىك بىر قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك شىركىتىگە نورمال بازار باھاسىدىن تولىمۇ تۆۋەن باھادا، ھەتتا بىكارنىڭ ئورنىدا بېرىۋېتىلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەركەن بازارلىق يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر شىركەت يەركەندىكى بىر ئاسارە-ئەتىقە ئورنىنى رېمونت قىلغان چېغىدا كۆپ پايدا ئالالمىغانلىقى، شۇنىڭ يۈز خاتىرىسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زىيىنىنى تولۇقلاپ بېرىش مەقسىتىدە بۇ 500 مو يەر ۋە ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئۇلارغا ئەرزان باھادا بېرىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا 2017‏-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن تۈرمە ۋە لاگېرلاردا ئۆلگەن ۋە 15 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەن مەھبۇسلارنىڭ يەر ۋە قورۇ-جايلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئېتىبار باھادا سېتىپ بېرىلگەنلىكى ئايدىڭلاشقان ئىدى. يۇقىرىقى ئۇچۇردىن قارىغاندا، بۇ خىلدىكى يېرى ۋە قورۇ-جايلىرى تارتىۋېلىنىشنىڭ ئېغىر جازالانغانلار بىلەنلا توختاپ قالمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.