يەكەنلىك مۇھەممەت تۇرسۇن ئاكىنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى مۇساپىرلىق ھېكايەسى(1)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2023.12.01
muhemmed-tursun يەكەنلىك مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى مۇساپىرلىق ھېكايەسى
RFA/Sintash

 ئۇيغۇر ئېلىگە چېگراداش ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر تارىختىن بېرى خىتاينىڭ زۇلۇملىرىدىن قاچقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇساپىر ماكانى بولۇپ كەلگەن جايلار ھېسابلىنىدۇ.

پاكىستاندا، ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ۋەتەن-يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان راۋالپىندى دېگەن بىر جاي بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى 60-يىللاردىن باشلاپ قەشقەر، يەكەن قاتارلىق جايلاردىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار بولسا، يەنە بەزىلىرى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىقلاردىن قېچىپ، يۇرتلۇقلىرىنى پاناھ تارتىپ، بۇ جايغا كېلىپ تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلاردۇر.

 بۇ جايدىكى مەھەللىلەردە 20 دەك ئۇيغۇر ئائىلىسى پاكىستاندا 1-نويابىر باشلانغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، قولىدا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ پاسپورتى ياكى سالاھىيىتى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، پاكىستاندىن قوغلىنىش گىردابىدا تۇرماقتا. خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ بېسىمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىدە نۆۋەتتە بۇ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پاكىستاندا قانۇنلۇق تۇرۇش ۋاقتى 6 ئاي ئۇزارتىلغان بولسىمۇ، بۇ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى 100گە يېقىن كىشىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى يەنىلا قاراڭغۇ.

بۇ ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ بىرسى، يەكەنلىك مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدۇر. مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ھېكايە قىلىشىچە، ئۇ يەكەن شامالباغ يېزىسىدا 1963-يىلى خېلى ھاللىق بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە ئۇنىڭ دادىسى سىدىق خىتايلار تەرىپىدىن باي دېھقان، پومېشچىك دەپ قالپاق كىيدۈرۈلۈپ، زەربە نىشانى قىلىنغان. دادىسى بىر كېچىدە ئائىلىسىنى ئېلىپ يەكەندىن ئافغانىستانغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ چاغدا مۇھەممەد تۇرسۇن 13 ياشتا بولۇپ، پامىر تاغلىرىدىن ھالقىپ، قارلىق شىۋىرغانلىق كېچىلەردە ئۆڭكۈرنى ئۆي، تاشنى ياستۇق قىلىپ، 45 كېچە كۈندۈز ئاجايىپ مۈشكۈل يوللارنى بېسىپ ئۆتۈپ، 1976-يىلى 8-ئايدا ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن.

 مۇھەممەت تۇرسۇن ئافغانىستاننىڭ مۇھىتىغا ئەمدىلا ماسلىشىپ، سەيپۇڭلۇق ھۈنىرىمۇ خېلى كامالەتكە يېتىپ، يۇرتلۇقىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلۇقىنى ساقلاپ چوڭ بولغان چىرايلىق بىر قىزى بىلەن ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ، ئەمدىلا يېڭى دادا بولغىنىدا، سوۋېت قوشۇنلىرى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. غايىبتىن تەگكەن ئوقلار، ئۆيلىرىگە چۈشكەن بومبىلاردا كىشىلەر ئۆلۈۋاتقان ۋە ھەممىنى تاشلاپ قېچىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۇمۇ جان قايغۇسىدا ئائىلىسىنى ئېلىپ، ئافغانىستاندىن پاكىستانغا سەپەر قىلغان. ئۇ

قۇچىقىدىكى بالىسى، ئايالى ۋە ئاتا-ئانىلىرى بىلەن پاكىستانغا قېچىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، ئافغانىستاندا ئۆگەنگەن تىككۈچىلىك ھۈنىرى بىلەن جان بېقىپ كەلگەن.

 مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ دادىسى سىدىق، ئانىسى تۇخان ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان، يۇرتى يەكەندىن ئايرىلغانچە، ۋەتىنىگە قايتالمىغان، يەكەندىكى ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرى بىلەن خەۋەرلىشەلمەي، مۇساپىرلىق دەردىدە ياشاپ ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، مۇھەممەت تۇرسۇن بۇنىڭدىن ناھايىتى ئېچىنىدىكەن. ئۇ ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىگىنىدە، دادىسىنىڭ چىدامچانلىقى، يۇرتى يەكەننىڭ ئاۋاتلىقى، گۈزەللىكىنى چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن سۆزلەپ بېرىشلىرى يادىغا كەلسە، ئانىسىنىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقلىرىنىڭ مەززىلىك ھىدى، مۇڭلۇق ئاھاڭدا ئېيتىپ بېرىدىغان «گۈلئايىم»، «ئاللا خالىدەم»، «گۈلمەرەم» دېگەن خەلق ناخشىلىرى ئېسىگە كېلىدىكەن.

. مۇقام يۇرتى، ئۇيغۇر سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان يەكەندە تۇغۇلۇپ، بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈكىنى يەكەننىڭ مەشرەپلىرىدە ئۆتكۈزگەن مۇھەممەت تۇرسۇن، ھاياتنى سۆيۈپ ياشايدىغان بىر خاراكتېر يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ مۇساپىرلىق دەردلىرىنى دۇتار بىلەن مۇڭ قىلىدىكەن.

 32 يىلدىن بۇيان پاكىستاندا ياشاپ، ئائىلىسىنى ھالال ئەمگىكى بىلەن قامداپ، 7 پەرزەنتلىك، 25 نەۋرىلىك بىر بوۋايغا ئايلانغان مۇھەممەت تۇرسۇن 3-قېتىم جان ساقلاش قايغۇسىدا قالغان بولسىمۇ نەۋرىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن يەنە كۆچۈشكە مەجبۇر بولماقتا. ئۇ بىر قانچە قېتىملىق كۆچۈشنىڭ، ئۆزىگە ئوخشاش مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ھايات قېلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

 مۇھەممەت تۇرسۇن مەيلى نەگىلا مۇساپىر بولسۇن، ھەممىنى تاشلاپ ماڭسىمۇ، دادىسىنىڭ يەكەندىن كىيىپ كەلگەن بادام دوپپىسى، بىر تەسۋىسى، ئانىسىنىڭ جەينامىزىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، يەكەننى، ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى، قەلبى بىلەن ياشىتىپ كەلمەكتە. بۇ نۆۋەت ئۇ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن يەنە ھەممىنى تاشلاپ، بىخەتەر بىر ئەلگە كۆچۈشكە رازى. شۇغىنىسى ئۇنىڭ پاكىستاندا تاشلاپ كېتىشكە كۆزى قىيالمايدىغىنى پەقەت مۇساپىرلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرىلىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.