ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يېڭى دوكلاتى: «خىتاي غەرب قانۇن سىستېمىسىغا خىرىس پەيدا قىلماقتا»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.11.16
Carolyn-Bartholomew ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا، كومىتېت رەئىسى كارولىن بارتولوميوۋ (Carolyn Bartholomew) سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 14-نويابىر، ۋاشىنگتون.
uscc.gov

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي-بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى» 14-نويابىر كۈنى 2023-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي، سودا، مەبلەغ، قانۇن، ھەربىي، تېخنولوگىيە، گېئو-سىياسى ۋە قىممەت قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خرىسىلىرىغا قارىتا ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر باھالاش ئېلىپ بارغان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بولۇپمۇ خىتاينىڭ مەۋجۇت خەلقئارالىق قائىدىلەرنى ئىناۋەتسىزلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە پايدىلىق خەلقئارا قانۇن شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى، ئۇنىڭ قانۇن سىستېمىسىنىڭ مۇستەبىت ئامىللىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشى، ئالەم بوشلۇقى ۋە تور باشقۇرۇش قاتارلىق يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى قانۇن-قائىدىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى «غەرب ئەدلىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشىغا ئۆزگىچە خىرىس پەيدا قىلماقتا» ئىكەن.

«ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك كومىتېتى» نىڭ بۇ دوكلاتى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 14-نويابىر كۈنى «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي مۇنبىرى» نىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن، پرېزىدېنت بايدېن 15-نويابىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، «ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنى پەسەيتىش يوللىرىنى سۆزلىشىدىغان» بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.

700 بەتلىك دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي مەۋجۇت خەلقئارا قائىدە-تۈزۈملەرنى ئىناۋەتسىزلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە پايدىلىق خەلقئارا قانۇن شەكىللەندۈرۈشتە ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللانماقتىكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ئۆزىنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇن سىستېمىسىنى قوللىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ۋە سىياسىي مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتى ھاكىمىيەتنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى جىمىقتۇرۇش، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىغان خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى ئېچىلغان ئەرزلەرنى توختىتىش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەقسەتلىرىگە رىقابەت ئېلان قىلغان ئامىللارنى نىشانغا ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا».

14-نويابىر دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا، كومىتېت رەئىسى كارولىن بارتولوميوۋ (Carolyn Bartholomew) 2023-يىلى غەربنىڭ ئەركىن بازار، نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىن جەمئىيەت قىممەت قارىشى ئىزچىل خىتاينىڭ غەرەزلىك ھەم سىستېمىلىق ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەن.

كارولىن بارتولوميوۋ مۇنداق دەيدۇ: «2023-يىلى، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنى ئامېرىكا ۋە بىزنىڭ دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا قارىتا ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ ياخشى قوراللانغان ۋە ئاقىۋەت خاراكتېرلىك گېئو-سىياسى خىرىس سۈپىتىدە تەرىپلىدى. 2023-يىلى، خىتاي كومپارتىيەسى ئىچكى جەھەتتە ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشى، تاشقى جەھەتتە ئۈزلۈكسىز دۈشمەنلىشىش مۇھىتىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى. بىزنىڭ دوكلاتىمىز شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ئامېرىكا ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىمىز يېتەكچىلىك قىلغان ئەركىن بازار، نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىن ھەم ئوچۇق جەمئىيەتكە ھۆرمەت قىلىشنى چىقىش قىلغان قائىدە تۈزۈم ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ غەرەزلىك ۋە سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچراپ كەلدى».

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ لىبېرال غەرب ئەدلىيە سىستېمىسى ۋە خەلقئارالىق قائىدە-تۈزۈملەرگە خىرىس قىلىشى، تۆۋەندىكى 3 جەھەتتە ئىپادىلەنمەكتىكەن. بۇنىڭ بىرىنچىسى، بېيجىڭنىڭ مەقسەت-مۇددىئالىرىغا كاشىلا قىلىدىغان خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش، ئىككىنچىسى، خەلقئارا قانۇنلارنى بېيجىڭنىڭ غەيرىي لىبېرال قىممەت قارىشىغا ماسلاشتۇرۇش، ئۈچىنچىسى، خىتاينىڭ ئىچكى قانۇنلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنى پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا ئىجرا قىلىشنى ئۆ ئىچىگە ئالىدىكەن. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل دۆلەتلىرىگە ئاگېنتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاي تەۋەلىكىدىكى پۇقرالارغا زوراۋانلىق قىلىشى ۋە ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىشى ئۇنىڭ خىتاي قانۇنىنى چېگرا سىرتىدا ئىجرا قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

بارتولوميوۋ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھىندى-تىنچ ئوكيان، ياۋروپادىن ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىغىچە بولغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، بېيجىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتى ۋە تەشۋىقاتى ئارقىلىق بىزگە دوستانە چەتئەللىك سىياسىي ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرىغا قارىتا خىزمەت ئىشلىمەكتە، شۇنداقلا ئۆكتىچىلەرگە جۈملىدىن ژۇرنالىستلار، پائالىيەتچىلەر ۋە چەتئەلدە ياشايدىغان خىتاي تەۋەلىكىدىكى پۇقرالارنى جازالىماقتا. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سودىگەرلىك ھۈنىرى تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى، پۇقرالار ئەركىنلىكىگە خىلاپلىق قىلىش، پاراكەندىچىلىك قورقۇتۇش قىلمىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا».

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك كومىتېتى» دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتلەردە كەسكىن رىقابەت ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىپ باقمىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاھىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا، ھازىر خىتاينىڭ 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇشى مۈمكىنلىكى، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا «نۆل كوۋىد-19» سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، ئىقتىسادنى جانلاندۇرىدۇ، دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادنىڭ يەنىلا تۇرغۇن ھالەتتە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ «شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە خىتاي مودېلىغا گۇمان» پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ئىچكى قىيىنچىلىقلارنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ۋە باشقا سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى خىتاينىڭ سىرتىغا يۆتكەش، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە «خەتەرنى ئازايتىشى» دەك ناچار خەلقئارالىق ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ گۇمانى ۋە قارشىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن «بېيجىڭ تاشقى سىياسەتتە ئۆخشاشلا ئىغۋاگەرچىلىك خاھىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە» ئىكەن.

«ئامېرىكا خىتاي ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىكس ۋوڭنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى بارغانسېرى سىستېمىلاشماقتا، تېخنىكا جەھەتتىن مۇكەممەللەشمەكتە ۋە تېخىمۇ ئىغۋاگەرلىك خاراكتېرىنى ئالماقتىكەن.

ئالىكس ۋوڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ سىرتقا كېڭىيىشى ھەربىي قوراللىنىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تاشقى جەھەتتىكى تەسىر كېڭەيتىش ھەرىكىتى تېخىمۇ مۇئەسسەسەلەشتى، تېخنىكا جەھەتتىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرى ئېشىپ باردى. خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىقات، سېنزۇرىلاش ۋە ساختا ئۇچۇر، يەرلىك تاراتقۇلارنى مونوپول قىلىش، تەنقىدچىلەرنى جىمىقتۇرۇش، ھەمكارلىق كېلىشىمى شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى بىلەن چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۆزئارا تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا ھۆددىگەر بولۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەرشارى ئوبرازىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى».

يىغىندا «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك كومىتېتى» نىڭ كومىسسارى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى كارتې گۇدۋىننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا شۇ دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىدىن پايدىلانماقتىكەن. كارتې گۇدۋىن مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئېيتقاندا قانۇن ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پايدىلىنىدىغان، ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋە قوغدايدىغان قورالدۇر. بىز ئۇنىڭ قانۇنچىلىق جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىدىن ئۇنىڭ زامانىۋى قانۇنچىلىقنىڭ نېمەتلىرىدىن بەدەلسىز پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.»

كارتې گۇدۋىننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئامېرىكا قانۇن ئورگانلىرىغا ئۆكتىچىلىرىنى ياكى سىياسىي رەقىبلىرىنى ئەرز قىلىپ، ئۇلارنى ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا پاتۇرۇپ قويۇشنى بىر خىل تاكتىكا سۈپىتىدە قوللانماقتىكەن. كارتې گۇدۋىن: «شۇڭا، ئاددىي بىر مىسالنى ئالساق، بىز نۇرغۇن، قانۇن بويىچە ئەرز قىلىش ھادىسىلىرىنى، ئامېرىكادىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىگە ياكى سىياسىي رەقىبلىرىگە قارىتا سۇنۇلغان ناھەق ئەرزلەرنى كۆردۇق. بۇ دەۋا-دەستۇرلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن مالىيە يۈكى ھالقىلىق نۇقتا. ئاقلاش جەريانى، دەۋانىڭ ئۇزىرىشى، دەلىل توپلاشقا كېتىدىغان مالىيە چىقىمى بۇنىڭ يادرولۇق نۇقتىسىدۇر.»

«ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك كومىتېتى» ئۆزىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، سودا، مەبلەغ، قانۇن، ھەربىي، تېخنولوگىيە، گېئو-سىياسى ۋە قىممەت قارىشى جەھەتلەردە پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسىغا قارىتا قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش ھەققىدە بەزى تەۋسىيەلەرنى بەرگەن.

30 ماددىلىق بۇ تەۋسىيە دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن چىقىرىپ، ئۆكتىچىلەرنى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىك ھەرىكەتلىرىدىن قوغدىشى، ئامېرىكانىڭ مۇھىم ساھەلىرىدىكى خىتاي مەبلىغىنى تەكشۈرۈشى، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتىلغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورتىدىكى بوشلۇقلارنى ئېتىشى، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى، خىتاي ئىستىخباراتى، بىخەتەرلىك ۋە بىرلىكسەپ خىزمىتىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.