كۆزەتكۈچىلەر: «يىدا توقۇمىچىلىق گۇرۇھىنى جازالاش خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى ئىزچىللىقنىڭ نامايەندىسى»
2024.11.04
31-ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خىتايدىكى يەنە بىر چوڭ توقۇمىچىلىق گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA) بويىچە جازالاش تىزىملىكىگە قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ھەقتە بېرىلگەن مەخسۇس باياناتتا، «بۇ تولۇقلىما جازا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇشى ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەت قارشى جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ» دېيىلگەن.
بۇ نۆۋەت قارا تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەتلەر خىتاينىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق يىدا گۇرۇھى (Esquel Group)، گۇاڭدۇڭ يىدا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋە تۇرپان يىدا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى بۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىدىكى ئالاقىدار ماددا بويىچە قارا تىزىملىككە ئېلىنغان سانجى يىدا شىركىتى بولسا، بۇ قانۇننىڭ باشقا بىر ماددىسى بويىچە داۋاملىق ھالدا قارا تىزىملىكتە ساقلاپ قېلىنغان.
نەتىجىدە، يېڭىدىن قوشۇلغان 3 ئورۇننى قوشقاندا، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە چەكلەنگەن شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 78 كە يەتكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى ئىزچىللىقى بولسا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنى خۇرسەن قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«بىز بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە يېڭىدىن بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىككە قوشۇلغانلىقىنى قارشى ئالىمىز. بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلانغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش يولىدىكى ئىزچىللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز بۇنى ئامېرىكالىق شىركەتلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە شېرىك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك يول دەپ قارايمىز.»
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس (Alejandro N. Mayorkas) باياناتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىز جازا تىزىملىكىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى پەرقلەندۈرۈشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا پايدا ئالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز.»
ئالېخاندرو مايوركاس يەنە ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى داۋاملىق ھالدا قاتتىق يولغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە: «بىز بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايمىز، ئەركىن ۋە ئادىل بازارنى مۇھاپىزەت قىلىمىز ۋە شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك قوللانغان جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىمىز» دېگەن.
ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئىدارىسى، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار، سودا، ئەدلىيە، ئەمگەك ۋە مالىيە مىنىستىرلىقلىرى قاتارلىقلار بىرلىكتە باشقۇرۇۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» مەخسۇس ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق مەھسۇلاتلار ۋە شىركەتلەرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغانىدى. بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2021-يىلى 6-ئايدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان خىتاينىڭ پاختا، كىيىم-كېچەك، دېھقانچىلىق، قۇياش ئېنېرگىيەسى، خىمىيەلىك بۇيۇملار، باتارېيە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە يېمەكلىكلەر قاتارلىق ساھەسىدىكى شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىن چەكلەپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى روبېرت سىلۋېرس ئەپەندى باياناتتىكى سۆزىدە: «بىز تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى يوقىتىش ئىرادىمىزدە ھەرگىزمۇ مۇرەسسە قىلمايمىز» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجە بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «بىز بۇ تىرىشچانلىقنى داۋاملىق ئالغا سۈرۈپ، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىپ، يەرلىكتىن بىۋاسىتە ئۇچۇر ئېلىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بۇنداق تەدبىرلەرنىڭ شۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن قۇتۇلۇشىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى بىلىش قېيىن بولماقتا. لېكىن، ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بىراق بۇ جازا تەدبىرلىرى ئارقىلىق دۆلەتلەر ۋە شىركەتلەرنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئەمەس، ئىنسان ھوقۇقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئىش كۆرۈشكە ئۈندەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى ئۆلچەش ناھايىتى قېيىن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىپ، ھەرقانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغانلارنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن جازالايدىغان بولغاچقا بىز بۇ تەدبىرلەرنىڭ يەرلىكتىكى ئۈنۈمىنى بىلمەيۋاتىمىز. بىراق، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى بېسىمغا دۇچ كەلگىنى مۇقەررەر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك رايون ھالقىغان تىرىشچانلىق يارىتىشتا ئامېرىكانىڭ ئاۋازى ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىگە كۆز يۇمۇۋالغان بىر شارائىتتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق خىتاي بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تەدبىرلەر قارىماققا كىچىك بولسىمۇ، دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى يىدا گۇرۇھىنىڭ سانجى تارماق شىركىتىنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئەيىبلەپ قارا تىزىملىككە ئالغاندا يىدا گۇرۇھى بۇنىڭغا قاتتىق قارشى چىقىپ، ئامېرىكانىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارشى داۋا قىلغانىدى. چۈنكى ئەينى چاغدا بۇ شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئەيىبلىنىشى بۇ گۇرۇھنىڭ نايكى ۋە تومى ھىلفىگېر قاتارلىق داڭلىق شىركەت خېرىدارلىرىنى يوقىتىپ قويۇشىغا سەۋەب بولغانىكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يىدا گۇرۇھى ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ماركىلىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنى تەخمىنەن 110 مىليون كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرگەنلىكى مەلۇم. شۇڭا يىدا گۇرۇھى ۋە ھەمدە ئۇنىڭ يەنىمۇ كۆپ تارماق شىركەتلىرىنىڭ قارا تىزىملىككە ئېلىنىشى بۇ گۇرۇھ ئۈچۈن تولىمۇ زور بىر زەربە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بىز يىدا گۇرۇھىنىڭ مەركىزى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ جازا ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئالماقچى بولغان بولساقمۇ، تېلېفونىمىزغا جاۋاب ئالالمىدۇق.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بولسا باياناتىدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن يىدا توقۇمىچىلىق گۇرۇھى، گۇاڭدۇڭ يىدا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋە تۇرپان يىدا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلەتتى، دەپ ئەيىبلىنىشىنىڭ تولۇق ئاساسى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ۋە «قوش ياردەم» نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.