يەھۇدىي ياشلىرىدىن يوسېف ۋە دېۋورا بىلەن سۆھبەت: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى سادالار تېخىمۇ زورىيىشى زۆرۈر!»
2024.05.09
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ۋاقىتلاردىلا دۇنيا مىقياسىدا مۇئەييەن ھېسداشلىققا ۋە ئوخشىمىغان شەكىللەردىكى قوللاشلارغا ئىگە بولۇپ كەلدى. شان روبېرتس، جېيمىس مىلۋارد، ئادريان زېنزغا ئوخشاش بىر قىسىم ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولسا، يەنە بىر تۈركۈم ياش ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشلۇقى بولمىغان چەتئەللىك ياشلار ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلىش نۇقتىسىدىن بۇ سەپكە قوشۇلدى. يەھۇدىي ياشلىرىدىن يوسېف روس (Yosef Roth)نى ئەنە شۇ خىلدىكى ياشلاردىن دېيىش مۇمكىن.
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا رابباي (Rabbi) لىق لاياقىتىگە ئېرىشكەن يوسېف ئۆزىنىڭ گۇگۇل (Google) شىركىتىدە يۇمتال ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەشتەك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش بىلەن بىرلىكتە يىللاردىن بۇيان ئايالى دېۋورا چايت (Devora Chait) بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى كۆپلىگەن پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇلار قۇرۇپ چىققان «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» نامىدىكى پۇقراۋىي تەشكىلات نيو يورك ۋە ۋاشىنگتون شەھەرلىرىدە كۆپ قېتىملاپ ئاممىۋى نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئامېرىكا جامائىتىگە چۈشەندۈرۈشتە پائال رول ئويناپ كەلمەكتە.