«جۇڭخۇا كىملىكى» گە مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار
2022.05.04
خىتايدىكى ھاكىمىيەت تۇتقۇچى گۇرۇھلارنىڭ يەڭگۈشلىنىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدىكى تەبىرلەرمۇ تېگىشلىك يوسۇندا ئۆزگىرىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللىي كىملىكلەردىكى ئاشكارا بولغان دەرىجە پەرقى ماھىيەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇپ باقمىغانلىقىنى ھەمدە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى نامايان قىلماقتا. بۇ ساھەدىكى مەسىلىلەر بىلەن تونۇشلۇق بولغان مۇتەخەسسىسلەر بولسا بۇ خىل تەڭسىز بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيەتتە خىتايدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە.
«جۇڭخۇا كىملىكى» گە تېڭىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار
تەتقىقاتچى جون ئىرگېنجىرو (John Irgengioro) نىڭ «شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ماقالىسىدە ئالاھىدە يورۇتۇلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى» ياكى «جۇڭخۇا كىملىكى» چۈشەنچىسى بولۇپ، شى جىنپىڭ دەۋرىدە بۇ خىل مىللىي كىملىك يالغۇز خىتايلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مىللىي كىملىكى بولۇشى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان.
ئاپتور دىققەت قىلغان بىر نۇقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مىللىي كىملىك چۈشەنچىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈزۈپ چىققان ھەمدە پۈتكۈل خىتايدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتورا مەكتەپلەر بىر تۇتاش قوللىنىدىغان تارىخ دەرسلىك كىتابلىرىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە دائىر مەزمۇنلارنىڭ تەدرىجى سىقىپ چىقىرىلىشدا ئەڭ روشەن ئەكس ئېتىدىكەن. ئۇ بۇ جەھەتتە ئىسرائىلىيەلىك خىتايشۇناس، پروفېسسور نىمرود بارانوۋىچنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىدىن مىسال كەلتۈرگەن ھالدا 1950-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈزۈپ ئېلان قىلىنغان تارىخ دەرسلىكىدە خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە دائىر بايانلارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى، 1980-يىللاردىن كېيىن بولسا نەچچە ئون يىللاپ ئىزچىل قوللىنىلىپ كېلىنگەن بۇ خىل دەرسلىك كىتابلاردىكى ئاشۇ مەزمۇنلارنىڭ «خىتايلار» بىلەن «يات مىللەتلەر» ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار ئەمەس، ئەكسىچە «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەئەللۇق ھادىسىلەر ئىكەنلىكى تەكىتلىنىشكە باشلىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىل دەرسلىك كىتابلار ئارقىلىق مائارىپ سىستېمىسىدا خىتاي چېگرىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئىكەنلىكىدەك بىر چۈشەنچىنى ئالغا سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسەتكەن. بۇ ھال بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنى قايتا تۈزۈپ چىققان بىر قاتار ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە مەمۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار باش نىشان قىلىنغان سىياسىي باستۇرۇشتا قولغا ئېلىنىشى ۋە ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى، بۇ دەرسلىك كىتابلاردىكى ئۆز ۋاقتىدا سۇن جوڭشەن قارشى چىققان مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۇيغۇر قوزغىلاڭلىرىنى خىتاي دۆلىتىگە قارشى ئىسيان، دەپ چۈشەندۈرۈشتەك ئاچچىق رېئاللىقنى ئەسلىتىدۇ. بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا ئاۋسترالىيەدىكى لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېرالد روش (Gerald Roche) خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن تەكىتلەۋاتقان، ئۆزلىرىنى «كۆك بۆرىنىڭ ئەۋلادى» دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايلارغا ئوخشاشلا «يەندى-خۇاڭدى ئەۋلادى» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان ئىرقچىلىق مەزمۇنىدىكى قاراشلارنىڭ ماھىيەتتە دەل مۇشۇ خىل «ھەممىنى يۇغۇرۇپ بىر تاۋاققا دۈملەش» ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ئىرقچىلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
«مەسىلەن ئالساق، موڭغۇللار، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتاي دەپ قاراش مەۋجۇت. چۈنكى بۇ نەزەرىيىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر ئەپسانىۋى ئەجدادنى مەنبە قىلغان بولىدۇ. بۇ خىل دەۋاگەرلىك سېپى ئۆزىدىن ئىرقچىلىق قىلغانلىقتۇر. چۈنكى بۇنىڭدا ئۇلارغا تەئەللۇق ھەممىلا نەرسە، جۈملىدىن مىللىي كىملىك ۋە سىياسىي تەقدىر ئۇلار ئۈچۈن ئورتاقلىققا ئىگە، دەپ قارىلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ نەزەرىيە ئۇلارنىڭ ھەممىىسنى ئورتاق بىر بىئولوگىيەلىك ئەجداتتىن كەلگەن، دەپ قارايدۇ. بۇ بولسا بىز خىتاي دۆلىتى ھەققىدە سۆز بولغاندا بىز قەتئىي دىققەتتىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىر مۇھىم نۇقتىدۇر. چۈنكى بۇنىڭدا زۇلۇم سالغۇچىلار ئاشۇ خىل كۆپ خىل ئىرقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىرقچىلىق قۇرۇلۇشى شەكلىدە بىر ياقلىق قىلىپ كېتىۋېرىدۇ. چاتاق يېرى بۇ خىل ئىرقچىلىق قۇرۇلۇشى ھازىر خىتايدا تولىمۇ سالماق قەدەمدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھال بولسا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىرقچىلىق پىلانىنى ئوڭايلا ئۇتۇققا ئىگە قىلىدۇ. غەرپتىكى جاھانگىرلىك تارىخىدىن بۇنىڭ مىساللىرىنى كۆپلەپ تېپىش مۇمكىن. بۇنىڭدا مەلۇم ‹ئالىي ئىرق› نى كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق باشقا خەلقلەرنى ئۇنىڭغا يەم قىلىپ بېرىدۇ. خىتايدا بولسا خىتايلارنىڭ ئاشۇ خىل مەدەنىيەتلىك ‹ئالىي ئىرق› ئىكەنلىكى ھازىر ئاشكارا تەكىتلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا غەلىبە قازىنىش ياكى قازىنالماسلىقنى بۇ خىل ئىرقچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا بولۇش ياكى بولماسلىقى، ئۇنىڭ ئادالەتلىك ياكى ئادالەتسىز بولۇشى بەلگىلىمەيدۇ. چۈنكى ئادالەتسىز قۇرۇلۇش پۇختا قەدەم بىلەن داۋام قىلسا ئۇ داۋاملىق ئۇتۇق قازىنىۋېرىدۇ.»
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەنتىقىسى بويىچە ئۇلار «دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئۆزىنى ‹مەن جۇڭگولۇق› دەپ قارايدىغان ھەرقانداق كىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشى كېرەك» دېگەن چۈشەنچە بويىچە «جۇڭخۇا مىللىتى» قارىشىنى ئومۇملاشتۇرماقتا ئىكەن. ما روڭ قاتارلىق ئاتالمىش «ئالىم» لار بولسا بۇنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى ئۈچۈن پائال خىزمەتلەردە بولماقتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى يادرولۇق قارىشى بويىچە بولغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېرىم ئەسىر تەقلىدىي ھالدا داۋام قىلدۇرغان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە يولغا قويۇلغان «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك زېمىن چېگرىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىدىئولوگىيەسىنى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىرلىككە كەلگەن قاراشقا ئىگە قىلىش» ئۇسلۇبىنى چۆرۈپ تاشلاپ «جۇڭخۇا كىملىكى چۈشەنچىسىنى مەدەنىيەت چېگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئارقىلىق ئورتاق چۈشەنچىگە ئايلاندۇرۇش» شەكلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، شۇنىڭدەك باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى «بىر مىللەت، بىر دۆلەت» شەكلىدە ئۇيۇشىشى لازىم بولغان. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاددىي مىسال قاتارىدا ئۇ بېيجىڭدىكى «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئېنگلىزچە نامى (CUN) نىڭ «خىتاي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى» (MUC) دەپ ئۆزگەرتىلىشىدە ئەكس ئەتكەنلىكىنى، بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇل زېمىنىنىڭ خىتاي تەۋەسىدە بولغانلىقىنى ئاساس قىلىپلا ئۆز زامانىسىدىكى دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا خىتاي زېمىنىنى ئىستىلا قىلغان ھەمدە موڭغۇللارنىڭ مىللىي قەھرىمانى بولغان چىڭگىز خاننىڭ «خىتاي قەھرىمانى» غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى زورلۇق شەكلىنى ئالغان مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسى ھەققىدە سۆز بولغاندا، مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىد تابىن (David Tobin) خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «خىتايلاشتۇرۇش» چارىلىرىنىڭ دەل مۇشۇ خىل باش نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: «بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى سىياسەتچىلەردىن سورىسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ زادىلا قاملاشمىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى مۇمكىن. چۈنكى باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۈسۈپ كىرىپلا ئۆيلىرىدىكى ئۆي جابدۇقلىرىنى خىتايچە شەكىلدىكى جابدۇقلارغا ئالماشتۇرۇش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۇلار ‹تەتۈر ئۈنۈم بېرىدىغان چارە› دەيدۇ. ئەسلىدە بۇ ئىشلار بارلىققا كەلمسە بولاتتى. چۈنكى ئۇ ھېچكىمگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بەرمەيدۇ. بۇنىڭدا ئۆي جابدۇقلىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېنىقلا كىشىلەرنى خىتايلاشتۇرۇش ياكى خىتايغا ئوخشىتىش، شۇ ئارقىلىق ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش كۆزلەنگەن. ئەگەر خىتايغا ئاشۇ خىل نەزەرىيە بويىچە نەزەر سالغاندا، خىتايدىكى رېئاللىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇلار ھازىر ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بەش مىڭ يىلدىن بۇيان خىتاي ياكى ‹جۇڭگولۇق› بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. قارايدىغان بولساق ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرى ھېچقاچان يەرلىك خەلقلەرنى ‹سىلەر ياۋروپالىق› دەپ تۇرۇۋالمىغان. دېمەك، خىتاي ھازىر بۇ خەلقلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ۋە كۆزدىن يوقىتىشنى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى تارىختىن ئۆچۈرىۋېتىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. ھازىر بىز ئۇلارنىڭ ‹ھايات قالماقچى بولساڭ بىزگە ئوخشاش بول› دەۋاتقانلىقىنى، ھېچقاچان ‹سىلەرنىڭ مەدەنىيىتىڭلارمۇ بىزنىڭكىگە ئوخشاش تارىخقا ئىگە› دەپ باقمىغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. بۇ بەكمۇ تېتىقسىزلىق.»
جۇڭخۇا كىملىكى «مىللىي مەسىلە» نى يىلتىزىدىن ھەل قىلامدۇ؟
تەتقىقاتچى جون ئىرگېنجىرو (John Irgengioro) نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «جۇڭخۇا كىملىكى» چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا خىتايلارنى مەركەز قىلغان «جۇڭگولۇق» چۈشەنچىسى تەبىئىي رەۋىشتە كوڭزىچىلىق كىملىكى بىلەن چەمبەرچاس يۇغۇرۇلۇپ كەتمەكتە ئىكەن. بۇنىڭدا «جۇڭگولۇق بولۇش دېمەك خىتاي بولۇش دېمەكتۇر. خىتاي بولۇش دېمەك كوڭزىچىلىقنى تەشەببۇس قىلىشتۇر» دېگەن يېتەكچى ئىدىيە نۆۋەتتە بارغانسېرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىمەكتە ئىكەن. نەتىجىدە ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە تولۇق ئىنكار قىلىۋېتىلگەن كوڭزىچىلىق ئىدېئولوگىيەسى شى جىنپىڭ دەۋرىدە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى تېز سۈرئەتە ئاسمىلاتسىيە قىلىۋېتىشتىكى بىر مۇھىم ۋاستە بولۇپ قالغان.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئۇلى بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىللار ئىلگىرى باشلانغان «مىنكاۋخەن» سىستېمىسىدا دەسلەپ بولۇپ بازار تاپقان. خىتايچە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا خىزمەت تاپمىقى ئاسان بولۇشتەك رېئاللىق بارغانسېرى كۆپ ئۇيغۇرنى خىتايچە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «ياتاقلىق مەكتەپ» سىستېمىسى بولسا بۇنىڭغا يېڭى مەزمۇن بولۇپ قوشۇلغان. كېيىنچە ئۇيغۇرچە تىلى تەدرىجى ھالدا مائارىپ ساھەسىدىن باسقۇچمۇ-باسقۇچ سىقىپ چىقىرىلىپ، ئۇيغۇرلار ئاساسىي جەھەتتىن خىتايچىنى مائارىپ تىلى قىلىپ ئىشلىتىشكە مەجبۇرلانغان بىر ئومۇمىي ۋەزىيەت يارىتىلغان. بۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتتە خىتايلار «ئىلغارلىق» نىڭ، ئۇيغۇرلار بولسا «قالاقلىق» ۋە «ياۋايىلىق» نىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان ھەمدە «قالاقلىق» نى تۈگىتىش دەۋرنىڭ باش ئېقىمى ۋە خىتايلارنىڭ «مەجبۇرىيىتى» بولۇپ قالغان. ئەنە شۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ھاسىل بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلىشىشى دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئارقا تىرەك بولۇشى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىنىش باسقۇچىغا ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىل ئاسسىمىلاتسىيە ئۇسۇلىنىڭ «مىللى مەسىلىلەر» نى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغۇچى كۆپلىگەن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا جېرالد روش بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭىلىقمۇ ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە دۇنيا مۇستەملىكىچىلىك تارىخىدا كۆپ قوللىنىلغان كونا ۋە «ئۈنۈملۈك» ئاسسىمىلاتسىيە چارىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ:
«مېنىڭچە، بۇنى ئاشۇنداق ئاتاش پۈتۈنلەي توغرا. چۈنكى دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئانا تىلنى مەكتەپ سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقىرىش دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە قوللىنىلىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇڭا بۇ ھەقتە مۇنداق بىرنەچچە مەسىلىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىم، دەپ قارايمەن. بىرى، بىز مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زامانىمىزدا ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى يادىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىم. بۇ قانداقتۇر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىۋاستە قول تىقىپ ھەل قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس. بۇ خىل مۇستەملىكىچىلىك خىتايدا، رۇسىيەدە ئوخشاشلا مەۋجۇت. شىنجاڭدىكى دىننى، تىلنى، مەدەنىيەتنى، كىملىكنى كونترول قىلىشتەك بۇ خىل رېئاللىق ئەمەلىيەتتە زامانىۋى ۋە ‹خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە› بولغان مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. ئىككىنچى مەسىلە، زامانىۋى خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ئەمەلىيەتتە كوڭزىچىلىقنىڭ مەدەنىيەت ئىدېئولوگىيەسىنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ. بۇ بولسا ماركىسىزىم ۋە لېنىنىزىم ئاساسىدىكى سوتسىيالىزىم-كومۇنىزىم ئىدېئولوگىيەسىنى بېيىتىۋاتىدۇ. بۇلار بولسا ئۆز نۆۋىتىدە ئاسسىمىلاتسىيەنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە زامانىۋى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ شەكىللىرى ۋە ئىدېئولوگىيەسىگە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى بۇ خىل رېئاللىق ھەققىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامنى باستۇرۇشى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ مەۋقەسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە كۆپلىگەن كىشىلەر ماقالىلار يازدى.»
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي كىملىكى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىرىسلار ۋە كىرىزىسلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشكارا ھالدا جەمئىيەتنىڭ بارچە ساھەلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى «مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭگۈشتىرى» دەپ جاكارلىغان ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئاشكارا ھالدا دەپسەندە بولۇشىنىڭ ئىنكاسى ئىكەن. ئۇ بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا «ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش» شوئارى ئاستىدا خىتاي تىلى شۇنچە ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي كادىرلىرىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن ئارتۇقراقى ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە مەكتەپلەر قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە سەۋىيىسى زور دەرىجىدە «ئاشقان» بولسىمۇ، خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا بىر جۈملىمۇ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنىڭدەك بۇنى «دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئىرقچىلىق» دەپ ئاتايدۇ. يەنە كېلىپ ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ كۆزدىن يوقىتىلىشى، ئۇلارنىڭ بىردەك «ئىشەنچىسىز» دەپ قارىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن سىستېمىسىنى يىگانە ھالدا «ئىشەنچلىك» گەۋدە، دەپ قارىشى، ئەمدىلىكتە بولسا بىڭتۇەننىڭ زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىلىشى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاپتونومىيەنىڭ بەربات بولۇۋاتقانلىقىنى بەكمۇ جانلىق نامايەن قىلىۋاتقان ئامىللار بولۇپ قالغان.
ئاپتور گاردنېر بوۋىڭدىن ۋە تىموسىي گروس قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرى ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆتكەن يېرىم ئەسىرلىك مىللىي سىياسىتىنى «ئۆرلەش-چۈشۈش» شەكلىدىكى، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا تۆۋەنلەشنى ئاساسىي ئېقىم قىلغان «بىر قىسىش-بىر بوشىتىش» چارىسى، دەپ خۇلاسىلەيدۇ. بۇنىڭدا «قىسىش» مەزگىلى ھەرقاچان ئۇزۇنراق، «بوشىتىش» باسقۇچى قىسقىراق شەكىلدە داۋام قىلغان.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىش» دەپ ئاتاۋاتقان ئاشۇ خىل ئىرقچىلىق سىياسەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن. بولۇپمۇ خىتايلارنى «ئالىي ئىرق» سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىش نۆۋەتتە خىتاي جەمئىيىتىدە «خىتاي دېمەك خۇددى غەرپ جەمئىيىتىدىكى ئاق تەنلىكلەرگە ئوخشاش ئەتىۋارلىق بولۇش دېمەكتۇر» دېگەندەك ئاشكارا ئىرقچىلىق نەزەرىيىسىگە زېمىن ھازىرلىغان. بۇنداق ئىجتىمائىي مۇھىتتا شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە «مىللىي مەسىلە» نى ئاشۇ مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ تۈگىتىش ئارقىلىق ئەبەدىيلىككە ھەل قىلىشنى ئىستىمەكتىكەن. ئەگەر بۇ ھال توسقۇنسىز ھالدا داۋام قىلسا خىتاي ئۈچۈن «مىللىي مەسىلە» مۇ، «مىللىي مەسىلە» نى پەيدا قىلغۇدەك مىللەتلەرمۇ مەۋجۇتلۇقتىن قالىدىكەن.