لاگېر شاھىتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ئاستىدىكى زۇلمەتلىك ھاياتىنى ئاڭلىتىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا
2023.03.16
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ۋە ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېغىر باستۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلاردىمۇ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.
15-مارت كۈنى «ھەممە ئۈچۈن ئادالەت» (Justice For All) تەشكىلاتى «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» (Save Uyghur) پروگراممىسى بويىچە «يەرشارى خاراكتېرلىك رىقابەت: ئۇيغۇر ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار، تاجاۋۇزچىلىق خاراكتىرلىك نازارەت قىلىش تېخنىكىسى» (Global Challenge: Uyghur Women Rights Defenders Intrusive Surveillance Technologies) دېگەن تېمىدا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر يىغىننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار ئەھۋالى كومىتېتى(United Nations Commission on the Status of Women) قوللىغان بولۇپ، ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر ئېچى ۋە سىرتىدىكى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى پاكىتلار بىلەن تونۇشتۇردى.
زۇمرەت داۋۇت خانىم لاگېر ئىچى ۋە سىرتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يۇقىرى تېخنىكىلق كامېرا ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ لاگېردىن چىققاندىن كېيىنكى خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسى ھەققىدە توختىلىپ، ھەتتا ئۆيىدىن بىر قانچە كۈن سىرتقا چىقماي جىم ئولتۇرۇپ قالسا، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇلارنى سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىشنى، يەنى ئەتراپتىكى كامېرالارغا چۈشۈشىنى بۇيرۇيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئارقىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم سۆز قىلىپ، لاگېردا بىر ئۇيغۇر موماينىڭ ئۇزۇن كۆينىكى سەۋەبلىك خورلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر ئۇيغۇر موماي ۋە ئۆزىنىڭ لاگېرغا ئورنىتىلغان كامېرالارغا چۈشۈپ قالغان كېچىككىنە ھەرىكىتى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ لاگېردىن چىققاندىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ نازارەت سىسىتېمىسىدىن قۇتۇلالمىغان. ئۇ تاللا بازىرىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق لاگېردىكى ۋاقتىدا ئىلىۋېلىنغان كۆز ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قانداق نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بەردى.
ئاخىرىدا مېھرىگۈل تۇرسۇن سۆز قىلىپ، لاگېر ئېچى ۋە سىرتىدا ئۆزى كۆرگەن نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ زۇمرەت داۋۇت ۋە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن تەسۋىرلىگەنلەر بىلەن ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە نۇرغۇن مىساللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەر زامان ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇلارنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ سىرتىدىمۇ ئۇلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل خادىمى لۇئىسا گىرىۋ خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ جىنايەتچىسى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبىرى. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشىمىغان ۋاسىتىلەرنى ئشلىتىدۇ. يەنى ئۇلار ساقچىلارنىلا ئىشقا سېلىپ قالماستىن بەلكى، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش سسىتېمىسىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ تېخنىكىنى ناھايىتى قورقۇنچلۇق دەرىجىدە ئىشلەتمەكتە. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى خىتاي بۇ تېخنىكىدا خەلقئارالىق شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، بۇ شىركەتلەر تەمىنلەش زەنجىرى ئارقىلىق ئىرقى قىرغىنچلىققا شېرىك بولۇۋاتىدۇ.»
يىغىن ئاخىرىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى يىغىن تور بېتىنىڭ خەت قالدۇرۇش قىسىمغا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ نەقەدەر قەھرىمان ئاياللاردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ سۆز قالدۇرۇشقان. يىغىن قانتاشقۇچىلىرىدىن دوكتور لىيازات تۇرمۇخامبات ئىسىملىك بىرى مەزكۇر يىغىندا دېيىلگەنلەنلەرنى ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، ئۇ تۋىىتتېردا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «فاشىست ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ يېڭى تېخنىكىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشى تېخنىكىنىڭ پايدىسىز تەرەپلىرىدۇر. خۇددى بۈگۈنكى جاسارەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرى يىغىنىدا ئېيتقاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى تېخنىكىنى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى زىندانغا ئايلاندۇرۇشقا ئشلەتكەن».