لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان يەنە بىر شاھىت زۇمرەت داۋۇت گۇۋاھلىق بەردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.09.20
Lager-Shahiti-Zumret-Dawut.jpg لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىت زۇمرەت داۋۇتنىڭ پاسپورتى.
Photo: RFA

بانكا ھېسابى سەۋەبلىك لاگېرغا قامىلىش

زۇمرەت داۋۇت ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ئايال بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچى-پاكىستان ئارىسىدا يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پاكىستانلىق سودىگەر ئىمران مۇھەممەد بىلەن 2005-يىلى توي قىلغان ئىكەن. ئۇ بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن بولۇپ 3 بالىنىڭ ئانىسىدۇر. زۇمرەت داۋۇت 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى مەھەللە كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ كېتىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى يەرلىكلەر بېيزەن تۈرمىسى دەپ ئاتايدىغان، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى «ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتايدىغان لاگېرغا قامالغان. 

«31-مارت ئىنتايىن نورمال بىر شەنبە كۈنى ئىدى، مەھەللە كومىتېتىدىن تېلېفون كەلدى. ئۇلارنىڭ جىددىي كېلىپ كەت دېگەن بۇيرۇقى بويىچە باردىم. ئويلىمىغان يەردىن. . . .» دەپ ئەسلىمىسىنى باشلىدى زۇمرەت. 

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، دەسلەپ ئۇ مەھەللە ساقچىخانىسىدا پاكىستانلىققا ياتلىق بولۇش سەۋەبى ۋە بانكا ھېساباتىدا پاكىستان بىلەن بىر قانچە قېتىملىق پۇل مۇئامىلە تارىخى بارلىقى توغرىلىق سوراق قىلىنغان. ئاندىن بىر قانچە سائەت سەۋەبسىز قامالغان. كېيىن مەھبۇسلارغا ئوخشاش بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئۆزىگە ئوخشاش چاقىرتىلغان ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن بىرلىكتە قوپال يوسۇندا ئېلىپ مېڭىلغان. 

يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان زۇمرەتنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى كەچمىشلىرى خۇددى ئىلگىرىكى بىر قانچە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق كەچمىشلىرىگە ئوخشايدۇ. ئۇمۇ دەسلەپ دوختۇرخانىدا بەدەن تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ئىكەن، بۇ جەرياندا ئىچىدە ساقچى كىيىم تېشىغا ئاق خالات كىيىۋالغان خادىملار ئۇنىڭدىن قان ئالغان، ئىچكى ئەزالىرىنى تەكشۈرگەن، رېنتگېنغا سالغان. ئۇنىڭ بارماق ئىزى، كۆز مۈڭگۈز پەردىلىرىگىچە تەكشۈرۈلگەن. تۇتۇپ تۇرۇپ سوراق قىلىنىپ دوختۇر تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتكىچە ئۇنىڭغا بىر كاپام غىزا ياكى بىر يۇتۇم سۇ بېرىلمىگەن. ئاچلىق ۋە ئەندىشىدىن ھالسىرىغان زۇمرەت يەنە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ بېيزەن تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇ بېشىدىكى خالتا ئېلىۋېتىلگەندە قاراڭغۇ چۈشكەنلىكىنى پەرق ئەتكەن.

ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يالىڭاچلىنىشقا ۋە دورا ئىچىشكە مەجبۇرلىنىش

زۇمرەت داۋۇت ئۆزىنىڭ لاگېرغا كىرىپلا 3 نەپەر ئەر ساقچى ئالدىدا تۈرمە كىيىمىنى يۆتكەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئەسلىگىنىدە ئازابلىق كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى. ئۇنىڭ تا ھازىرغىچە بۇ خورلۇق ۋە ۋەھىمە قالدۇرغان چوڭقۇر ئازابلاردىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئىلگىرى رادىيومىز ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلارنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى ئاشكارىلىغان مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا، گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى قاتارلىق شاھىتلار ئۆزلىرىنىڭ لاگېردا كۈندە مەجبۇرىي ھالدا بىر خىل ئېنىقسىز دورا ئىچكۈزۈلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە ھېيىزلىرىنىڭ توختىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تۇغماس قىلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇغماس قىلىۋېتىشى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» نىڭ بىر مۇھىم تۈرى دەپ قارالغان بۇ ھادىسە ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىماقتا. شاھىت زۇمرەت داۋۇت ئۆزىنىڭ ۋە لاگېرلارغا قامالغان باشقا ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە كۈندە شۇنداق سىرلىق تابلېتكاسىمان بىر خىل دورىنىڭ مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلگەنلىكىنى، مەھبۇسلارنىڭ بۇ دورىنىڭ تەسىرىدە خامۇش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بەزى ئاياللارنىڭ بۇ دورىنىڭ تەسىرىدە ھېيىزىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇمرەت تۆت ئەتراپىغا كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى قويۇلغان بىر ھاجەتخانىنى 30 دىن ئارتۇق تۇتقۇن بىلەن بىللە ئىشلەتكەن. كامېردا ئىككى سائەتتە بىر نۆۋەت داق يەردە ئۇخلىغان. ئۇ قاباھەتلىك بۇ لاگېردا قانچە كېچە، قانچە كۈندۈزنىڭ ئۆتكىنىنى بىلەلمىگەن. ئۇ كۈندە ئوخشاش تەكرارلىنىدىغان جان ساقلاشقىلا بېرىلگەن يېمەكلىكنى يەپ، مېڭە يۇيۇش جەريانلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان پەيتلىرىدە ئۇنىڭ ئېرى ئىمران بىگۇناھ ئايالى زۇمرەتنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر كۈنمۇ توختىماي ھەرىكەت قىلغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىمران ئايالى زۇمرەتنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئادالەتسىزلىكلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ لاگېرلارنى قۇرغاندىن بۇيانقى 3 يىلدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

پاكىستاننىڭ ئارىلىشىشى بىلەن لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىقىش

ئىمران ئايالى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن كۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچى، ئاپتونوم رايون ۋە بېيجىڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە قانۇن ئورگانلىرىدىن ئادالەت تەلەپ قىلغان. ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇتقۇن قىلىنغان باشقا پاكىستانلىقلارنى يېتەكلەپ بىر قانچە قېتىم بېيجىڭدىكى پاكىستان ئەلچىخانىسىغا ئەرز قىلىپ بارغان ۋە نامايىش قىلغان. ئاخىرى پاكىستان دائىرىلىرى داۋراڭ سالماسلىق شەرتى بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئارىلىشىشى بىلەن زۇمرەت 2 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

زۇمرەت لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن دەرھال پاكىستانغا كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان 3-بالىسىغا 18 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلەشنى شەرت قىلغان. بۇ شەرتنى ئورۇندىغاندىن كېيىن دائىرىلەر يەنە زۇمرەتكە تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلىش شەرتىنى قويغان. بۇ نۆۋەت ئىمران ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ھەمدە چەتئەللىك ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بىر شەرتنى ھازىرلاشنىڭ ئايالىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ رەت قىلغان. ئەمما دائىرىلەر ئۇلارنىڭ بۇ شەرتكە كۆنمىگەندە پاكىستانغا كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان. ئاخىرى زۇمرەت ئۆزىنى قۇربانلىق بېرىش ئارقىلىق ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

مەجبۇرىي ھالدا مەڭگۈلۈك تۇغماس قىلىۋېتىلىش

مەھەللە كومىتېتى ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىدىكىلەر زۇمرەت ۋە شۇ ئولتۇراق رايوندىكى باشقا 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان 5 ئۇيغۇر ئايالنى ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىپ، مەخسۇس ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئەكىرگەن. ئوپېراتسىيەگە كىرىشتىن بۇرۇن زۇمرەتكە ئاسما ئوكۇل ئۇرۇلغان، ئاندىن ئۇ ئېسىنى يوقاتقان. ئۇ ئاچچىق ئاغرىق ئازابىدا بەدىنى مۇزلىغان ھالدا ئويغانغىنىدا ئۆزىنىڭ باشقا ئىڭراپ ياتقان 7-8 ئايال بىلەن بىللە ياتقانلىقىنى كۆرگەن. «ئەمدىلا ئوپېراتسىيە قىلىنغان بۇ ئاياللارنىڭ قېشىدا نە دوختۇر بولسۇن ياكى سېسترا. . .» دەيدۇ زۇمرەت شۇ كۈننى ئەسلەپ. 

زۇمرەت ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك تۇغماس قىلىنغانلىقىنى مەھەللە كومىتېتى دوختۇرىنىڭ سۆزىدىن بىلىدۇ. شۇندىلا ئۆزىنى خۇددى مېيىپقا ئايلاندۇرۇلغاندەك ھېس قىلىپ چوڭقۇر ئازابلىنىدۇ. زۇمرەت شۇ قېتىملىق قورقۇنچلۇق مەجبۇرىي ئوپېراتسىيەنىڭ قەلبىدە قالدۇرغان جاراھەتلىرىدىن تېخىچە ساقىيىپ كېتەلمىگەن ئىدى. 
زۇمرەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرىدىن يېقىنقى مەزگىلدە قۇتۇلۇپ چىققان ساناقلىق شاھىتلارنىڭ بىرى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتا يولغا قويۇۋاتقان سىستېمىلىق سىياسەتلىرىنىڭمۇ شاھىتى. 

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.