زۇمرەتئاي ئەركىن روزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى
2024.04.11

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى، قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە قۇرۇلتاي خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن 2024-يىللىق روزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا تاللانغان بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئىپتىخارلاندۇرغان ئىدى. زۇمرەتئاي ئەركىن بۈگۈن، ئامېرىكىنىڭ 32-پىرېزىدېنتى روزۋېلتنىڭ ئانا يۇرتى ۋە روزۋېلت فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان گوللاندىيەنىڭ مىددەلبۇرگ شەھىرىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا «روزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇپ ئالغان.
روزۋېلت فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم 4 كاتېگورىيە بويىچە تارقىتىلىدىغان ۋە «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» دەپمۇ ئاتالغان مەزكۇر مۇكاپات، پىرېزىدېنت روزۋېلت تەرىپىدىن 1941-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېلان قىلىنغان. 1950-يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ مۇكاپات ئىنسانلارنىڭ 4 چوڭ ئەركىنلىكى پىرىنسىپىغا تايانغان ئالاھىدە ئەركىنلىك مۇكاپاتى بولۇپ قالغان. بۇ 4 چوڭ ئەركىنلىك ئىنسانلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ئىبادەت ئەركىنلىكى، يوقسۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئەركىنلىكى، قورقۇنچ ۋە تەشۋىشتىن قۇتۇلۇش ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت.
زۇمرەتئاي ئەركىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىبادەت ئەركىنلىكى كاتېگورىيەسى بويىچە مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن.
نەق مەيداندىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زۇمرەتئاي ئەركىن، بۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىكى خۇشاللىقىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى ھەمدە ئۇنىڭ روزا ھېيتتا بىر ئۇيغۇر قىزىغا بېرىلىشىنىڭ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۈچۈن، زۇمرەتئاي ئەركىن، دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي تەشۋىقات بۆلۈمى خادىملىرى 10-ئاپرېل گوللاندىيەگە يېتىپ كەلگەن. مۇراسىمغا قۇرۇلتاينىڭ گوللاندىيە ۋەكىللىرى ۋە گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق، شۇنداقلا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. دولقۇن ئەيسامۇ نەق مەيداندىن، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش جەريانى ۋە بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
مۇراسىمدا رىياسەتچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىدىن كېيىن گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سەھنىگە چىقىپ، مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغان زۇمرەتئاي ئەركىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ سۆزىدە، بۇ يىللىق ئىبادەت ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ھەر قانداق ئەركىن ۋە دېموكراتىك جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېشى بولغان دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي كىملىكىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردا قىيىن-قىستاق ۋە باسقۇنچىلىقلارغا ئۇچراش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش قاتارلىق ۋەھشىي زۇلۇمغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا 16 مىڭ مەسچىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرى ۋە باشقا مۇقەددەس جايلارنىڭ ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىكى» نامىدا ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ پەقەت خىتاي چېگراسى بىلەنلا چەكلەنمىگەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنداق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئالدىدا سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەكىتلەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان.
زۇمرەتئاي مۇراسىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي تۈرمىسىدىكى شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرىنى ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە دېكلاماتسىيە قىلىپ، مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنى قاتتىق ھاياجانغا سالغان.
زۇمرەتئاي رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈشۈم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يەنىلا خەلقئارانىڭ دىققىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.
روزۋېلت فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي تورىدا زۇمرەتئاي ئەركىنگە ئەركىنلىك مۇكاپاتى بېرىش سەۋەبى مۇنداق بايان قىلىنغان: «زۇمرەتئاي ئەركىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت قىلدى. زۇمرەتئاي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشىغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ دۇنيا مىقياسىدىكى ئاياللار ئۈچۈن ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇردى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوللاش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. زۇمرەتئاي ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى بولماقتا».
بۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمغا گوللاندىيە خان جەمەتى ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقاندىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن كەلگەن سىياسەتچىلەر، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، دىپلوماتلار، ئاخباراتچىلار قاتناشقان. يىغىندىن كېيىن زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسالار گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، زۇمرەتئاي ئەركىن گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليامغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان.