مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (25): كابۇلدىكى ياپونىيە باش ئەلچىسى كىتىدا ماساموتو بىلەن بولغان مەخپىي ئالاقىلەر

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2023.03.07
muhemmed-emin-bughra-1.jpg مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئافغانىستاندا تۇرغان يىللىرى چۈشكەن ئايرىم ۋە كوللېكتىپ سۈرەتلىرى. 1935-1938-يىللىرى ئارىلىقىدا.
JACAR

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھىجرەت يىللىرىدا ئۇنىڭ ياپونىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كابۇلدىكى ئەچىخانىلىرى ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياپونىيەنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق تۇنجى باش ئەلچىسى كىتىدا ماساموتو (Kitida Masamoto) بىلەن بولغان ئىككى يىلدىن ئارتۇق مەخپىي ئالاقىلىرى دىققەتكە سازاۋەردۇر. ھالبۇكى، ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولۇشى، شۇنداقلا ناتسىستلار گېرمانىيەسى بىلەن بىرلىكتە «فاشىزم لاگېرىنى شەكىللەندۈرگەن رەزىل كۈچ» لەر قاتارىدا ئەيىبلىنىشى، تارىخنىڭ شۇ مەزگىللىرىدە ياپونىيە بىلەن ئالاقىدە بولغان شەخسلەر ۋە ئورگانلارنى بۇ تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى.

ئەنە ئاشۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يازغان يازمىلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە ئۆزىنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان مەخپىي ئالاقىلىرى توغرىلىق ئېغىز ئاچمايدۇ. ھەتتا ئۇ كېيىنكى مەزگىللەردە يازغان «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك ئەسىرىدە، ئۆزىنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان مەخپىي ئالاقىلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ شۇ ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «چىن-ياپون ئۇرۇشى باشلانغاندا بەزى كىشىلەر ماڭا، ياپونلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلدى، ئەمما مەن بۇنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. چۈنكى، ياپونلارنىڭ ياردىمى بىلەن يۇرتۇمنى ئازاد قىلىشنى ئانچە مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايتتىم. ئەگەر مۇمكىن بولسىمۇ، بۇ ‹خوجايىن يەڭگۈشلىمەك›تىن باشقا بىر نەتىجە كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىر ھەقىقەت دەپ چۈشەنمەكتە ئىدىم.»

ياپونىيەنىڭ 1930-يىللاردىكى ئىككى نەپەر تاشقىي ئىشلار ۋەزىرى ئارىتا خاچىرو (ئوڭدا) ۋە كوكى خىروتا (سولدا). كابۇلدىكى ياپونىيە باش ئەلچىسى كىتىدا ماساموتو 1935- ۋە 1938-يىللىرى ئارىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق توكيوغا يوللىغان تېلېگراممىلىرىنى بۇ ئىككى كىشىنىڭ نامىغا ئەۋەتكەن.
ياپونىيەنىڭ 1930-يىللاردىكى ئىككى نەپەر تاشقىي ئىشلار ۋەزىرى ئارىتا خاچىرو (ئوڭدا) ۋە كوكى خىروتا (سولدا). كابۇلدىكى ياپونىيە باش ئەلچىسى كىتىدا ماساموتو 1935- ۋە 1938-يىللىرى ئارىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق توكيوغا يوللىغان تېلېگراممىلىرىنى بۇ ئىككى كىشىنىڭ نامىغا ئەۋەتكەن.
Public Domain

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە تاشقىي ئىشلار ۋازارىتىنىڭ 1930-يىللارغا ئالاقىدار ئارخىپلىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئاسىيا ھازىرقى زامان تارىخىغا دائىر تەتقىقاتلارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ياپونىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ 1930-يىللاردىكى «بۈيۈك ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى» گە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ھۆججەتلىرى يورۇق كۆرۈشكە باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ياپونىيەنىڭ 1930-يىللىرى كابۇلدا تۇرۇشلۇق تۇنجى باش ئەلچىسى كىتىدا ماساموتونىڭ خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن بولغان مەخپىي كۆرۈشمىلىرى ھەمدە بۇنىڭغا دائىر تېلېگرامما-دوكلاتلار ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر.

تۈركىيە ئەگ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ياپونىيە ئارخىپلىرىدا ئاشكار بولۇۋاتقان بۇ ھەقتىكى ھۆججەت-ماتېرىياللارغا ئاساسەن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىسى بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىدە بولغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تاشقىي دۇنيادىن مەدەت ئىزدىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان مەخپىي ئالاقىلىرىگە ئىنتايىن دىققەت قىلغان بىلىم ئادەملىرىنىڭ بىرى. ئۇ، ياپونىيە تاشقىي ئىشلار ۋازارىتىنىڭ 1930- ۋە 1940-يىللارغا دائىر مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنغان ئارخىپ-ھۆججەتلىرى بىلەن «ياپونىيە ئاسىيا تارىخ ماتېرىياللىرى مەركىزى» (JACAR) ناملىق تور بەتتە ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ئەھۋالى ۋەئۇنىڭغا دائىر ماتېرىياللار» ناملىق 9 توملۇق ھۆججەت-ماتېرىياللارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

كابۇلدىكى ياپونىيە باش ئەلچىسى كىتىدا ماساموتو مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن توكيوغا يوللىغان 811-نومۇرلۇق مەخپىي تېلېگرامما. 1936-يىلى 1-ئاينى 15-كۈنى.
كابۇلدىكى ياپونىيە باش ئەلچىسى كىتىدا ماساموتو مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن توكيوغا يوللىغان 811-نومۇرلۇق مەخپىي تېلېگرامما. 1936-يىلى 1-ئاينى 15-كۈنى.
JACAR

گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، تۈركولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئابلەت سەمەتنىڭ قارىشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا كابۇلغا بارغان يىللىرىدا دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىكى بۈيۈك كۈچلەر ئافغانىستاننى ئۆزلىرىنىڭ ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىدىكى كۈچ سىنىشىش نۇقتىسى قىلىشقان ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇغرا كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ كابۇلدىكى ياپونىيە باش ئەلچىسى كىتىدا ماساموتو بىلەن بولغان مەخپىي ئۇچرىشىشلىرى ئەنە شۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە باشلانغان ئىدى.

ياپونىيە ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، كابۇلدىكى ياپونىيە باش ئەلچىسى كىتىدا ماساموتونىڭ توكيوغا يوللىغان تېلېگراممىلىرىدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىسمى تۇنجى قېتىم 1935-يىلى 11-ئايدا يوللانغان تېلېگرامىدا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىسمى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنماي مەخپىيەتلىك يۈزىسىدىن «ئەمىرى خوتەن» دېگەن نام بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى تېلېگراممىلاردا بولسا «ئاساكۇرا» دېگەن كودلۇق نام بىلەن تىلغا ئېلىنغان. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ياپونىيە ئارخىپلىرىدىكى مەنبەلەرگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ياپونىيە باش ئەلچىسى كىتىدا ماساموتونىڭ كابۇلدىكى تۇنجى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشى، 1936-يىلى 1-ئايغا توغرا كېلىدىكەن.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ياپونىيە تەرەپ بىلەن بولغان كۆرۈشمىلىرىدە، ئۇنىڭ باش ئەلچى كىتىدا ماساموتونىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتىكى ياپونىيە تاشقىي ئىشلار ۋەزىرى ئارىتا خاچىروغا يوللىغان 52 بەتلىك پارسچە يېزىلغان «ئەمىرى خوتەننىڭ خاتىرەسى» ناملىق تەپسىلىي دوكلاتى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. بۇ دوكلات كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئەسلى پارسچە نۇسخاسى بىلەن قوشۇپ يوللانغانلىقى مەلۇم.

ھىندىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ 1930-1940-يىللاردىكى ئوڭ قانات رەھبىرى سۇبھاس چاندرا بوس.
ھىندىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ 1930-1940-يىللاردىكى ئوڭ قانات رەھبىرى سۇبھاس چاندرا بوس.
Public Domain

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇغرانىڭ خاتىرەلىرىدە ئۇنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى بايان قىلغان ھېچبىر بايانلار ئۇچرايدۇ، ئەمما ياپونىيە ئارخىپلىرىدا ئاشكارا بولۇۋاتقان ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئۆز دەۋرىدە بۇغرا بىلەن ياپونىيە تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي ئالاقىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت بولغانلىقىنى دەلىللىمەكتىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، شۇ دەۋرنىڭ تارىخىي شارئىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇغرانىڭ ۋەتەننىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە ياپونىيەدىن مەدەت كۈتۈشى، ھەتتا ياپونىيەگە بىر قىسىم ۋەدىلەرنى بېرىشىنى چۈشىنىشكە بولىدىكەن.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رۇس ۋە خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ بىرلەشمە زەربىسى ئارقىسىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى، بۈيۈك بىرىتانىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قوللىماسلىق پوزىتسىيەسى تۇتۇشى سەۋەبلىك خەلقئارا مەدەتتىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، مانا مۇشۇنداق بىر قىيىن شارائىتتا بۇغرانىڭ ۋەتەننىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە ئاسىيادا باش كۆتۈرىۋاتقان ياپونىيە بىلەن ئالاقە ئورنتىشىنىڭ ئەمەلىيەتچان بىر تاللاش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دەرۋەقە، 1930-يىللاردا ئاسىيادىكى مۇستەملىكە ئەللەرنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىدە ياپونىيەدىن مەدەت تىلىگەن مىللىي ئىنقىلاب يولباشچىلىرى يالغۇز بۇغرا ياكى گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىلا ئەمەس ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئوڭ قانىتى ھېسابلانغان سۇبھاس چاندرا بوس (Subhas Chandra Bose) مۇ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياپونىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ قوللىشى بىلەن 40 مىڭ كىشىلىك «ئازاد ھىندى ئارمىيەسى» نى قۇرۇپ چىققان ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، بۇ نۇقتىدا ھىندىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئوڭ قانات داھىيسى سۇبھاس چاندرا بوس بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئوتتۇرىسىدا سىياسىي تاللاش جەھەتتىن مەلۇم ئورتاقلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.