مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (30): كابۇلدىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا قايتىش

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز قۇتلان تەييارلىدى
2023.05.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
muhemmed-emin-bughra-1930-1.jpg 1930-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى بىرىنچى ھىجرەت مەزگىلىدە كەشمىر ۋە ئافغانىستاندا سىياسىي مۇساپىر بولۇپ تۇرغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (ئالدىنقى رەت سولدا ئولتۇرغان كىشى).
Bughra Arxipi

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھەل قىلغۇچ مەزگىلگە كىرگەن، دۇنيانىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەرتىپىنى قايسى تەرەپنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقى تېخى ئېنىق بولمىغان بىر پەيتتە، يەنى 1942-يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا كابۇلدىن ئايرىلىپ، ئەنگىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى ھىندىستاننىڭ پېشاۋۇر شەھىرىگە بارىدۇ. ئۇنداقتا، ئافغانىستاندا 7-8 يىلدەك سىياسىي مۇساپىر بولۇپ ياشىغان بۇغرا نېمە ئۈچۈن ھىندىستانغا قايتتى؛ ئۇنىڭ كابۇلدىن ئايرىلىپ يېڭى چىقىش يول ئىزدىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىل زادى نېمە؟ بۇ مەسىلە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرىنچى ھىجرەت جەريانىدىكى مۇساپىرەت ھاياتى ۋە كۈرەش يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قىزىققۇچىلاردا تۈرلۈك سوئاللارنى ۋە مۇلاھىزىلەرنى پەيدا قىلماقتا.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئافغانىستاندىكى 7 يىلغا سوزۇلغان سىياسىي مۇساپىرلىق ھاياتىدىن كېيىن، 1942-يىلىغا كەلگەندە كابۇلدا داۋاملىق بېكىنىپ يېتىشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى، مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن يېڭى يوللارنى ئىزدەپ كۆرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرانىڭ 1942-يىلى ئافغانىستاندىن ئايرىلىپ، ھىندىستانغا قايتىشىدىكى تۈپكى سەۋەبلەرنى ئۇنىڭ خاتىرىلىرى ۋە ئەسلىمەلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلاردىن ھېس قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇغرا ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستانغا كۆز تىكىۋاتقان سوۋېت رۇسىيەسى، ياپونىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۈچنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ، ئاجىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان خىتاي بىلەن مۇرەسسە قىلىش يولى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستانغا دەسلەپكى قەدەمدە ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك خاتىرەسىدە، ئۆزىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش ئىمكانى تاپالماي تۇرغان كۈنلىرىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كابۇلغا كەلگەنلىكىنى؛ ئىككەيلەننىڭ ئۇزۇن مۇزاكىرە قىلىپ، ھازىرچە چىن ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم قىلىش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكى؛ بۇ ئىشتا ئەيسا ئەپەندىنىڭ ۋاسىتىچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى يازغان. ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ھەزرىتىمنىڭ كابۇلدا ئەمەلىي ھەرىكەت قىلالماي داۋاملىق بېكىنىپ ياتقاندىن كۆرە، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى توغرىلىق دىئالوگ قىلىپ كۆرۈشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ پىكىرگە كېلىشىگە ئەيسا ئەپەندىنىڭ 1939-يىلىدىكى كابۇل زىيارىتىنىڭ مۇئەييەن تەسىرى بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (سولدا) بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن (ئوڭدا) 1939-يىلى دېكابىردا ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا كۆرۈشكەندە چۈشكەن سۈرەت.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (سولدا) بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن (ئوڭدا) 1939-يىلى دېكابىردا ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا كۆرۈشكەندە چۈشكەن سۈرەت.
Bughra Arxipi

گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، تۈركولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئابلەت سەمەتنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1942-يىلى كابۇلدىن ئايرىلىپ، ھىندىستان ئارقىلىق خىتاي مەركىزىگە بېرىش قارارىغا كېلىشىدە، ئەيسا ئەپەندىنىڭ 1939-1940-يىلىدىكى كابۇل زىيارىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا، ياپونىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى تېخىچە ئەمەلىي بىر ھەرىكەتكە ئايلىنالمايۋاتقان بىر شارائىتتا، 7 يىللاپ كابۇلدا بېكىنىپ ياتقان بۇغرانىڭ باشقا يول تېپىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ تەبىئىي بىر تاللاش ئىكەنلىكىنى؛ دەرۋەقە بۇ تاللاشقا شۇ يىللاردا كابۇلنى زىيارەت قىلغان ئەيسا ئەپەندىنىڭ خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرانىڭ خاتىرەلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلىپ گومىنداڭ مەركىزىگە بېرىپ سىياسىي كۈرەش يولىنى تۇتماقچى بولغانلىقى، ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي قارارىدىن بولغان، ئەيسا ئەپەندىنىڭ كابۇل زىيارىتى پەقەت بۇ قارارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىغان، دەپ قارايدۇ.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرەپكە ماھىل يول تۇتقانلىقىنى، خىتاي بىلەنمۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن كابۇلدىكى تۈركىيە باش ئەلچىسى ئەسەندال ئەپەندىنىڭ دوستى بۇغرانى ياپونىيەگە باغلىنىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان، چىن مەركىزىگە بېرىپ سىياسىي دىيالوگ يولىنى تۇتۇشقا تەۋسىيە قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،

دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى، بۇغرانىڭ كابۇلدىن ئايرىلىپ گومىنداڭ مەركىزىگە بېرىش ۋە ئۇ يەردە سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىش يولىنى تاللىشىغا ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، ھەزرىتىمنىڭ يېقىن دوستى ۋە مەسلەكدىشى مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندالنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئاخىرىدا بۇغرانىڭ 1942-يىلى ئافغانىستاندىكى 7 يىللىق مۇساپىرەت ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سىياسىي كۈرەش يولىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن خىتاي مەركىزىگە بېرىشنى قارار قىلىشىدا نۇرغۇن ئامىللارنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەنلىكىنى؛ دەرۋەقە، بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشىدا خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، جۈملىدىن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە دىپلومات مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندالنىڭ تەۋسىيەلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ بىرلىكتە رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.