مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (14): خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2022.08.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (9): غۇلجادا سابىت داموللام بىلەن كۆرۈشۈش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا(ئوڭدا) ۋە سابىت داموللام. 1933-يىللىرى.
RFA/Qutlan

1933-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە خوتەن شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيەلەر خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا رەھبەرلىكىدىكى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتنىڭ باش ئورگىنى قاراقاشتىن خوتەن ئىلچىغا يۆتكەپ كېلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى ھاكىمىيەت مېۋىسى بولغان   خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلىدۇ. شەرق ۋە غەرب ئىككى يۆنىلىش بويىچە غەلىبەسېرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان خوتەن قوشۇنلىرى شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنىگە كەلگەندە يەركەن شەھىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەرقتە چەرچەن-چاقىلىقتىن غەربتە يەركەن دەرياسىنىڭ يېڭىسار ياقىسىغىچە بولغان بىيپايان تۇپراقلار خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلار نازىرى ۋە شەيخۇلئىسلامى بولغان سابىت داموللام قەشقەرگە بېرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىدىكى خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، سابىت داموللامنىڭ بۇ پىلانىنى قوللىمايدۇ، ئەمما سابىت داموللامنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىنىسى ئەمىر ئابدۇللا سابىت داموللامغا ھەمراھ بولۇپ بىر بۆلۈك ئەسكەر بىلەن يەركەندىن قەشقەرگە بارىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللام (ئوڭدا) ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە نازىرى ھاجى مۇھەممەد قاسىم بەگ (سولدا)، 1933-يىللىرى.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللام (ئوڭدا) ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە نازىرى ھاجى مۇھەممەد قاسىم بەگ (سولدا)، 1933-يىللىرى.
RFA

سابىت داموللام قەشقەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، دەسلەپ «خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش بېجىرىش مەركىزى» نى تەسىس قىلىپ،  جىددىي تەييارلىققا كىرىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قەشقەرنى تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار كونترول قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ۋە تۇڭگانلاردىن تەشكىل تاپقان بىر بۆلۈك قوراللىق كۈچلەر قەشقەر يېڭىشەھەر سېپىلىنى قالقان قىلىپ، قوزغىلاڭچىلار بىلەن تىركىشىپ تۇرۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خوجانىياز ھاجىم باشچىلىقىدا تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا سۈرۈلگەن مىللىي ئىنقىلابىي قوشۇن تېخى قەشقەرگە يېتىپ كەلمىگەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىغا كۆز تىكىپ تۇرغان قوشنا ئىمپىرىيەلەر بۇ يەردىكى مىللىي ئىنقىلاب دولقۇنلىرىدىن ئەندىشە تۇيماقتا ئىدى. قىزىل موسكۋادىكى سوۋېت بولشېۋىكلار ھۆكۈمىتى بىلەن يېڭى دېلھىدىكى بۈيۈك بىرىتانىيەگە قارام ھىندىستان دائىرىلىرى ئىككى ئىمپىرىيەنىڭ بىر-بىرىنى كۆزىتىش نۇقتىسى بولغان قەشقەر ھەمدە بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ جىددىي ئۆزگىرىشلەرگە پۈتۈن دىققىتى بىلەن قاراپ تۇرماقتا ئىدى.

مانا مۇشۇنداق داۋالغۇپ تۇرغان مۇرەككەپ بىر ۋەزىيەتتە، يەنى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ خۇسۇستا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ، سابىت داموللامنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قانداق بىر زۆرۈرىيەت بىلەن خوتەندىن قەشقەرگە بارغانلىقى ھەمدە ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان قەشقەردە قانداق بىر جەريانلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىققانلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ نەۋرە تۇغقانلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، خوتەن ھۆكۈمىتى بىلەن قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىلىق بەزى ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ، 1933-يىلى 12-نويابىردا قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكىرىي كۈچ ۋە مالىيە جەھەتتىكى ياردىمىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاپ نەشىرگە تەييارلىغان ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىدا ئۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز دەۋرىدە سابىت داموللامنىڭ قەشقەرگە بېرىشىغا قوشۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنچە سابىت داموللامغا مەلۇم ئەسكىرىي كۈچ ۋە 7 كىلوگرام ئەتراپىدا ئالتۇن ئەۋەتىپ، قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلغان ئىكەن.

ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» دىكى بايانلارغا ئاساسلىنىپ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى خوتەن ھۆكۈمىتى بىلەن كېيىنچە قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا دەسلەپتە مەلۇم نارازىلىقلار ۋە  ئاڭلاشماسلىقلار مەۋجۇت بولغان. يەنى سابىت داموللامنىڭ خوتەن ھۆكۈمىتى بىلەن ھېچقانداق مەسلىھەت قىلىشمايلا قەشقەردە ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھۆكۈمەت تەشكىللىشى خوتەن تەرەپنى نارازى قىلغان، ئەمما مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا يېتەكچىلىكىدىكى خوتەن ھۆكۈمىتى ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، قەشقەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ئەسكىرىي كۈچ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان پاسپورت، 1933-1934-يىللىرى.

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى، ھەتتا جۇمھۇرىيەت يىقىلىپ، سابىت داموللام يەركەنگە چېكىنىپ كەلگەندە، ئۇنى خوتەنگە قايتىپ كېلىپ پاناھلىنىش، پەقەت بولمىغاندا چەت ئەلگە بىللە چىقىپ كېتىش توغرىلىق مەسلىھەت بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلار نازىرى بولغان سابىت داموللامنىڭ «مىللىي ئىنقىلاب تېخى بىر نەتىجىگە ئېرىشمىگەن، مىللىي ئىنقىلابىي كۈچلەرنىڭ قۇۋۋەتلىنىشى ناھايىتى زۆرۈر بولغان بىر زاماندا» قەشقەرگە بېرىش پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى، بۇ قارارنىڭ خوتەن ۋە قەشقەردىكى «ئىككى مىللىي قۇۋۋەتنىڭ ئىچكىي ئىختىلاپىغا سەۋەب بولغانلىقى» نى، نەتىجىدە بۇنىڭ «مىللىي ئىنقىلابنىڭ تارىخ سەھىپىلىرىگە يېزىلغۇسى ناھايىتى ئېغىر بىر خاتالىق بولغانلىقى» نى يازىدۇ.

ئاخىرىدا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر بىلەن تۈگەللىنىشىدىكى ئىچكىي ۋە تاشقىي سەۋەبلەرنى تەپسىلىي شەرھىلەپ ئۆتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولغان ئىچكىي ئىختىلاپلار ۋە ئىتتىپاقسىزلىقلارنىڭ مىللىي ئىنقىلابنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈرگەن ئەجەللىك ئاجىزلىق بولغانلىقىنى ھەسرەت بىلەن تىلغا ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.