مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (51): «دەرنەك» يورۇتقان قەلبلەر

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز قۇتلان تەييارلىدى
2024.09.10
muhemmed-emin-bughra-1946-1 نۇتۇق سۆزلەۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە بىر قىسىم مىللەتچى سەرخىللار.
Photo: RFA

1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيەسى ئەمەلىي كونترول قىلىپ تۇرغان شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ سىياسىي مەركىزى غۇلجادا، شۇنداقلا مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان يەتتە ۋىلايەتنىڭ سىياسىي مەركىزى ئۈرۈمچىدە شىددەتلىك مەتبۇئات كۈرىشى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. شۇ يىللاردا غۇلجادا نەشىر قىلىنىپ تۈرلۈك يوللار بىلەن پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان تېررىتورىيەسىگە تارقىتىلىۋاتقان «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى (ئىلگىرىكى «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ داۋامى)، «كۈرەش» ژۇرنىلى، «ئىتتىپاق» مەجمۇئەسى ۋە «ئويغان» گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلار ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئاۋازى بولغان بولسا؛ ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنغان «ئەرك» گېزىتى، «يالقىن» گېزىتى، «خانتەڭرى» ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلار «ئۈچ ئەپەندى» لەر باشچىلىقىدىكى ئوڭ قانات مىللەتچى سەرخىللارنىڭ ئاۋازى بولغان ئىدى. شۇڭىمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا شۇ يىللاردا سۆزلىگەن نۇتۇق ۋە دوكلاتلىرىدا ۋە ماقالە ئەسەرلىرىدە، مەتبۇئاتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئويغىتىش ۋە سىياسىي ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «دەرنەك» قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئەرك» گېزىتىنىڭ 1949-يىلى 20-مارت كۈنىدىكى 253-سانىدا ئېلان قىلغان «دەرنەكتىن ئىلمىي بايانات» ناملىق ماقالىسىنىڭ باش بېتى .
ۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «دەرنەك» قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئەرك» گېزىتىنىڭ 1949-يىلى 20-مارت كۈنىدىكى 253-سانىدا ئېلان قىلغان «دەرنەكتىن ئىلمىي بايانات» ناملىق ماقالىسىنىڭ باش بېتى .
Public domain

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەر 1946-يىلى 6-ئايدا «ئون بىر بىتىم» ئىمزالانغاندىن كېيىن، «ئالتاي» نەشرىياتىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئۇنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ قارمىقىدا «ئەرك» گېزىتىنى نەشىر قىلىشقا باشلايدۇ. 1948-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭ قارمىقىدا «دەرنەك» نامىدا مەخسۇس ئىلىم مۇنبىرى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، تۈركچىلىك ئاساسلىرى، تىل ۋە ئىملا مەسىلىلىرى، تۈرك ئەدەبىياتى، تۈركىستان ۋە سىبىرىيە ئاتالغۇلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، تېبابەت ۋە ساغلاملىق بىلىملىرى، ھەتتا ئاتوم نەزەرىيەسى قاتارلىق تېمىلاردا ئىلمىي لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. «دەرنەك» لېكسىيەلىرى دەسلەپ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشتىن باشلىنىپ، كېيىنچە بارا-بارا كۆلەملىشىدۇ. كېيىنچە «دەرنەك» كە قاتنىشىدىغان ئادەم سانى كۆپىيىپ نەچچە يۈزگە يەتكەندە ئۈرۈمچىدىكى مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا ۋە قازاق-قىرغىز كۇلۇبلىرىدا قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلايدۇ.

ھەر نۆۋەتلىك «دەرنەك» نىڭ ئېلانى ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلىرى شۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنىدىغان «ئەرك» گېزىتىدە تەپسىلىي خەۋەر قىلىنىدۇ. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «دەرنەك» تە ئۆلكە رەئىسى مەسئۇد سابىرىنىڭ تىل ۋە ئىملا مەسىلىلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا زامانىۋى مائارىپنىڭ تۇغۇلۇشى، ساغلاملىق ۋە سىفلىس كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردىكى لېكسىيەلىرى؛ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخى، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە كېڭىيىشى، ئاتوم نەزەرىيەسى ۋە ئاتوم قۇۋۋىتى ھەققىدىكى دوكلاتلىرى؛ ئىبراھىم مۇتىئىنىڭ ئۇيغۇر-تۈركىي تىللىرىنىڭ تارىخى، چىڭگىزخان داموللامنىڭ تۈركىستان نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى، دوختۇر ئابدۇرەئۇپ ئەپەندىنىڭ تېبابەت ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى لېكسىيەلىرى ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان ئىكەن.

«دەرنەك» پائالىيىتىدە سەنئەت نومۇرى كۆرسىتىۋاتقان مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارىمىقىدىكى سانايى-نەفىسەنىڭ سەنئەتچىلىرى (1948-يىل، ئۈرۈمچى).
«دەرنەك» پائالىيىتىدە سەنئەت نومۇرى كۆرسىتىۋاتقان مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارىمىقىدىكى سانايى-نەفىسەنىڭ سەنئەتچىلىرى (1948-يىل، ئۈرۈمچى).
Public domain

«دەرنەك» بىر ئىلمىي مۇنبەر، بىر مۇھاكىمە سالونى ۋە شۇنداقلا بىر ئاممىۋى پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئۈرۈمچىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «دەرنەك» پائالىيىتى مۇكەممەل كۈنتەرتىپ ۋە مول مەزمۇنلۇق جەريانلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر بىر نۆۋەتلىك «دەرنەك» رىياسەتچىنى بېكىتىش، مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش، لېكسىيە ھەققىدە سوئال-جاۋاب، تەنقىد ۋە تەقدىرلەش، ئەركىن پىكىر بايان قىلىش، شېئىر ئوقۇش، سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىش، چاقچاق-لەتىپە سۆزلەش، ئاخىرىدا خۇلاسە نۇتقى سۆزلەش قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇكەممەل جەريانلاردىن تەرتىپلەنگەن ئىكەن.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، «دەرنەك» گەرچە ئىلمىي تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بىلىم تارقىتىشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى مۇرەككەپ سىياسىي مۇھىتتا گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەت ياشلىرىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ھەققىدىكى ئېڭىنى ئويغىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، «دەرنەك» سۆزى بىۋاسىتە تۈركىيە تۈركچىسىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، باشلىنىشتىن تاكى 1949-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پائالىيىتى توختاپ قالغۇچە بولغان جەرياندا جەمئىي 20 نەچچە قېتىمدىن كۆپرەك مەخسۇس تېمىدىكى ئىلمىي ۋە نەزەرىيەۋى لېكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرغان، شۇ دەۋردىكى بىلىم ئادەملىرىگە سەھنە ھازىرلىغان، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ سۆزنى بىلەن ئېيتقاندا «بىلگەنلەر بىلمىگەنلەرگە ئۆگەتكەن» مۇھىم مۇنبەر بولغانىدى.

بولۇپمۇ «دەرنەك» نىڭ ئىلمىي خاراكتېرىدىن باشقا، ئۇنىڭ ئاممىۋى ۋە جەمئىيەتلىك تەرىپى شۇ ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچىنىڭ مەدەنىيەت كەيپىياتى ۋە ئىجتىمائىي ھاۋاسىغا رەڭدار تۈس قوشقان ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ھەر قېتىملىق «دەرنەك» پائالىيىتى جەريانىدا ياش شائىرلارنىڭ يېڭى ئىجادىيەتلىرىنى ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلىشى، ئالدىنقى قېتىملىق «دەرنەك» تە تەسىر قوزغىغان شېئىر ۋە سەنئەت نومۇرلىرىنى مۇكاپاتلاش، ۋەزىيەت ۋە ئېقىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، شۇنداقلا ياش سەنئەتچىلەرنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى جامائەتكە تەقدىم قىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار پۈتكۈل جەمئىيەتنى كۈچلۈك جەلپ قىلغان. بولۇپمۇ قەمبەر خانىم، رازىيە خانىم قاتارلىق داڭلىق سەنئەتچىلەرنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ ناخشا-ئۇسسۇل ئورۇندىشى، «دەرنەك» كەيپىياتىنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرگەن.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.