مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (38): «قەلەم كۈرىشى» نىڭ جەريانى ۋە ئاخىرقى نەتىجىسى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز قۇتلان تەييارلىدى
2023.10.24
muhemmed-emin-bughra-1.jpg مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (ئوڭدا) بىلەن خىتاي تارىخچىسى لى دۇڭفاڭ (سولدا) ئوتتۇرىسىدا 1944-يىلىنىڭ ئاخىرى ئېلىپ بېرىلغان «قەلەم كۈرىشى» دىن بىر كۆرۈنۈش.
RFA/Qutlan

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن گومىنداڭ مەركىزىدىكى ئوڭ قانات ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىرى سەھنىگە چىقارغان لى دۇڭفاڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان مۇرەسسەسىز «قەلەم كۈرىشى»، 1944-يىلى 10-ئايدىن 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاز كەم 3 ئاي داۋام قىلغان ئىدى. گومىنداڭ پايتەختىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «مەركەز» (中央日报) گېزىتىدە داۋاملاشقان بۇ تارتىشما، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە سىياسىي سەھنىدىكى يۇقىرى قاتلام خىتاي ھوقۇقدارلىرىنىڭمۇ دىققەت مەركىزىدە بولغان ئىدى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا، شۇ قېتىملىق «قەلەم كۈرىشى» نىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى؛ خىتايدىكى مەشھۇر شەخسلەردىن تارىخچى جيەن بوزەن، ئەدىب گومورۇ قاتارلىقلارنىڭ پىكىر بايان قىلىپ، بۇغرانى غالىپ، لى دۇڭفاڭنى مەغلۇپ دەپ ئېيتقانلىقىنى؛ ھەتتا خىتاي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سۇن كې (سۇن جۇڭشەننىڭ ئوغلى)، خىتاي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ يوۋرېن قاتارلىق يۇقىرى قاتلام خىتاي سىياسىيونلىرىنىڭمۇ بۇغرا كەلتۈرگەن «كۈچلۈك ئىلمىي پاكىتلار ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىشكە مەجبۇر بولغانلىقى» نى تىلغا ئالىدۇ.

لى دۇڭفاڭنىڭ 1944-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چوڭچىڭدا چىقىدىغان «مەركەز» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «شىنجاڭلىق قېرىنداشلار تۈرك مىللىتى ئەمەس، شىنجاڭ ئۆلكىسىمۇ تۈركىستان دەپ ئاتالماسلىقى كېرەك» ناملىق ئۈچىنچى پارچە ماقالىسىنىڭ باش قىسمى.
لى دۇڭفاڭنىڭ 1944-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چوڭچىڭدا چىقىدىغان «مەركەز» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «شىنجاڭلىق قېرىنداشلار تۈرك مىللىتى ئەمەس، شىنجاڭ ئۆلكىسىمۇ تۈركىستان دەپ ئاتالماسلىقى كېرەك» ناملىق ئۈچىنچى پارچە ماقالىسىنىڭ باش قىسمى.
RFA/Qutlan

«قەلەم كۈرىشى» نىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ئىنتايىن دىققەت قىلغان پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرانىڭ پىشقان بىر تارىخچىغا خاس يۈكسەك بىلىم سەۋىيەسى ۋە ماقالىلىرىدە كەلتۈرگەن مۇستەھكەم دەلىل-پاكىتلىرىنىڭ لى دۇڭفاڭنى خىتاي جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن خىتاي تارىخچىسى لى دۇڭفاڭ ئوتتۇرىسىدىكى «قەلەم كۈرىشى» نىڭ پۈتكۈل جەريانلىرىنى ئىنچىلىكىك بىلەن كۆزەتكەن ياش بىلىم ئادەملىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بۇغرا بىلەن لى دۇڭفاڭنىڭ ھەر بىر پارچە ماقالىسىنى ئىلمىي ئېغىرلىق ۋە پاكىت نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈپ، بۇغرانىڭ ماقالىلىرىنىڭ پۇختا ئىلمىي ئاساسقا تايانغانلىقىنى، لى دۇڭفاڭنىڭ بولسا سىياسىي غەرەزنى مەقسەت قىلغان تەشۋىقاتچىلىق سەۋىيەسىدە توختاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

لى دۇڭفاڭنىڭ 1944-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چوڭچىڭدا چىقىدىغان «مەركەز» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «شىنجاڭلىق قېرىنداشلار تۈرك مىللىتى ئەمەس، شىنجاڭ ئۆلكىسىمۇ تۈركىستان دەپ ئاتالماسلىقى كېرەك» ناملىق ئۈچىنچى پارچە ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمى.
لى دۇڭفاڭنىڭ 1944-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چوڭچىڭدا چىقىدىغان «مەركەز» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «شىنجاڭلىق قېرىنداشلار تۈرك مىللىتى ئەمەس، شىنجاڭ ئۆلكىسىمۇ تۈركىستان دەپ ئاتالماسلىقى كېرەك» ناملىق ئۈچىنچى پارچە ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمى.
RFA/Qutlan

تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، لى دۇڭفاڭنىڭ ماقالىلىرىدىن بىرمۇنچە ئاساسسىز بايانلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى ھەققىدە تولۇق بىلىمى بولمىغان «چالا ساۋات تارىخچى» ئىكەنلىكىنى؛ پۈتكۈل نۇقتىئىنەزەرلىرىنىڭ خىتاي شوۋىنىزىمى، خىتاي ئىرقچىلىقى ۋە خىتاي تۇپراق كېڭەيمىچىلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي غەرەز بىلەن تولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

تارىخشۇناسلىقتىكى ئەڭ مۇھىم ئاساس، تارىخىي مەنبەلەرنىڭ ئىشەنچلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇشىدۇر. ھالبۇكى، لى دۇڭفاڭنىڭ شۇ قېتىملىق «قەلەم كۈرىشى» دە بازارغا سالغىنى پۈتۈنلەي خىتاي تارىخنامىلىرىدىكى سۇلالىلەر بويىچە ئۆزگەرتىلىپ يېزىلىپ كەلگەن تاق مەنبەلىك ئۇچۇرلاردۇر. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، لى دۇڭفاڭنىڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا ئوخشىمىغان ھالدا ماقالىلىرىدە خىتاي مەنبەلىرىدىن باشقا ھېچقانداق قايناق كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

دەرۋەقە، لى دۇڭفاڭنىڭ ماقالىلىرىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى، ئۇنىڭ خىتاي شوۋىنىزىمىنى چىقىش قىلغان سىياسىي قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ئۇ، خىتايدا مۇختارىيەت (ئاپتونومىيە) ھوقۇقىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆلكىنى ئەمەس، بەلكى ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ بېرىلىشىنى؛ «شىنجاڭ» نامىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى «تۈركىستان» ياكى «شەرقىي تۈركىستان» غا ئەمەس، بەلكى «شىنجاڭ» (غەربىي چېگرا) ياكى «گۇجياڭ» (قەدىمىي چېگرا) ۋە ياكى «تىيانشان ئۆلكىسى» (تەڭرىتاغ ئۆلكىسى) دېگەندەك ناملارغا ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، لى دۇڭفاڭنىڭ بۇ تەشەببۇسلىرىنى «زو زۇڭتاڭچە ئاتالمىلارغا مەستانە بولۇش» دەپ ئاتايدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1944-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى چوڭچىڭدا چىقىدىغان «مەركەز» گېزىتىدە لى دۇڭفاڭغا رەددىيە بېرىپ يازغان «‹شىنجاڭلىق› قېرىنداشلار تۈركتۇر» ناملىق 3-پارچە جاۋاب ماقالىسىنىڭ باش قىسمى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1944-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى چوڭچىڭدا چىقىدىغان «مەركەز» گېزىتىدە لى دۇڭفاڭغا رەددىيە بېرىپ يازغان «‹شىنجاڭلىق› قېرىنداشلار تۈركتۇر» ناملىق 3-پارچە جاۋاب ماقالىسىنىڭ باش قىسمى.
RFA/Qutlan

تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، لى دۇڭفاڭنىڭ ماقالىلىرىدىكى يەڭگىلتەكلىك، پاكىت ئاساسى يېتەرسىز بولۇش ۋە قويۇق سىياسىي مەۋقەگە ئوخشىمىغان ھالدا، بۇغرا ئۆزىنىڭ جاۋاب ماقالىلىرىدە كۈچلۈك ئىلمىي دەلىل، كۆپ قاتلاملىق تارىخىي مەنبە ۋە تارىخشۇناسلىق ئىلمىي مېتودولوگىيەسىنى ئاساس قىلغان. يەنى «لى دۇڭفاڭنىڭ پالتىسىنى لى دۇڭفاڭنىڭ پۇتىغا چاپالىغان».

پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قارىشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا جىددىي بىر تارىخچى ئىدى. بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئابىدە ئەسىرىدە تايانغان مول ۋە كۆپ مەنبەلىك قايناقلىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈرك تارىخى ھەققىدىكى چوڭقۇر بىلىمىنى نامايان قىلىپ بېرەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، بۇغرا ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسى ۋە تۈرك تارىخ نۇقتىئىينەزەرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر تارىخچى ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇغرانىڭ بۇ جەھەتتىكى مول بىلىم ئاساسى ئالدىدا لى دۇڭفاڭ ئۆزىنىڭ «تۈرك تارىخى ساھەسىدىكى چالا ساۋاتلىقى» نى چاندۇرۇپ قويغانىدى.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ خۇلاسە قىلىشىچە، بۇغرا ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ماقالىلىرى ئارقىلىق خىتاي خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىن بىر مەيدان كۈچلۈك دەرس بەرگەن بولسا، چالا ساۋات تارىخچى لى دۇڭفاڭغا ئىلمىي ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىكتىن ساۋاق بەرگەن.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1944-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى چوڭچىڭدا چىقىدىغان «مەركەز» گېزىتىدە لى دۇڭفاڭغا رەددىيە بېرىپ يازغان «‹شىنجاڭلىق› قېرىنداشلار تۈركتۇر» ناملىق 3-پارچە جاۋاب ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1944-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى چوڭچىڭدا چىقىدىغان «مەركەز» گېزىتىدە لى دۇڭفاڭغا رەددىيە بېرىپ يازغان «‹شىنجاڭلىق› قېرىنداشلار تۈركتۇر» ناملىق 3-پارچە جاۋاب ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمى.
RFA/Qutlan

قىسقىسى، گومىنداڭ مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان «قەلەم كۈرىشى»، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى. بۇ ھەقتىكى بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسىز ۋەزىيەتكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان گومىنداڭ ئوڭ قانات كۈچلىرى، لى دۇڭفاڭنى قانداق سەھنىگە چىقارغان بولسا ئاخىرىدا ئۇنى شۇنداق شەكىلدە سەھنىدىن چۈشۈرۈۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، شۇ يىللاردا ئىلىدا پارتلىغان مىللىي ئىنقىلابنىڭ بۇغراغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەنلىكىنى، گومىنداڭ دائىرىلىرىگە قاتتىق بېسىم شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

لى دۇڭفاڭنى سەھنىگە چىقىرىپ ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمىگەن گومىنداڭ ئوڭ قانات كۈچلىرى، بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئويۇنىنى تېزدىن يىغىشتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. چوڭچىڭدىكى «مەركەز» گېزىتى تەھرىراتى بۇغرانىڭ 3-پارچە ماقالىسىدىكى كۈچلۈك بايانلارنى كېسىپ چىقىرىۋېتىش ۋە قىسقارتىش ئۇسۇلى بىلەن ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇغرا ئاخىرقى ماقالىسىدە لى دۇڭفاڭنىڭ ماقالىسىدىكى ئاساسسىز ۋە پاكىتسىز بايانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، ئۆزىنىڭ سۆزى ئارقىلىق ئۆزىنى مات قىلىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.