مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (52): «‹دەرنەك›-پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىلمىي ۋە ئاممىۋى مۇنبىرى»
2024.11.05
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى مىللەتچى سەرخىللارنىڭ 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۈرۈمچىدە قۇرغان «دەرنەك» ناملىق ئىلىم مۇنبىرى، ئۆز دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى، بىلىم ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1948-يىلىنىڭ ئاخىرى «دەرنەك» پائالىيەتلىرىنىڭ بىر يىللىقى بىلەن خۇلاسە خاراتېرلىق نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى «ئەرك» گېزىتىنىڭ 1949-يىل 20-مارتتىكى سانىنىڭ باش بېتىگە بېسىلغان ئىدى. ئۇ مەزكۇر نۇتقىدا «دەرنەك» نىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، خاراكتېرى، تۈپ نىشانى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇرى توغرىلىق ئېنىق ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەن ئىدى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇ نۇتقىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: «‹دەرنەك› مەلۇم بىر سىياسىي گۇرۇھ ياكى ئېقىمنىڭ ئاۋازى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىلىم ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلغان ئىلمىي ۋە ئاممىۋى مۇنبەردۇر» دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بۇ ئىزاھاتى «دەرنەك» نىڭ خاراكتېرى ۋە تۈپ مەقسىتىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. يەنى 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ داۋالغۇپ تۇرغان سىياسىي مۇھىتىدا «دەرنەك» سىياسىي نۇقتىئىنەزەرلەر بىلەن چۈشىلىپ قالمىغان، ھېچبىر سىياسىي گۇرۇھنىڭ مەيدانى ئۈچۈن جار سالمىغان، بەلكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ بىلىم ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى مۇنبەر بولۇپ قالغان.
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «دەرنەك» توغرىسىدىكى خۇلاسە خاراكتېرلىك نۇتقىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «دەرنەك» نىڭ يالغۇز مىللەتچى سەرخىللارنىڭلا مۇنبىرى بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ «دەرنىكى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ، ئوخشىمىغان گۇرۇھلار ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، شۇنداقلا ئوخشىمىغان تەرەپلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا مۇنازىرە روھىنىڭ شەكىللىنىشى، مەدەنىي بىر جەمئىيەتنىڭ بەلگىسىدۇر، دەيدۇ.
دەرۋەقە، 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى قاتلام سەرخىللىرى ئارىسىدا پىكىر ۋە سىياسىي مەپكۇرە جەھەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئىككى چوڭ گۇرۇھ-ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى مەركەز قىلغان كوممۇنىزمغا ماھىل سولچىل ئىنقىلابىي گۇرۇھ بىلەن «ئۈچ ئەپەندى» ئەتراپىغا ئۇيۇشقان ئوڭغا ماھىل مىللەتچىلەر گۇرۇھى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى. بولۇپمۇ 1946-يىلى 6-ئايدا ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا سۈلھ تۈزۈلۈپ، «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە تارتىشمىلار بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىشكە يۈزلەنگەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا شۇ ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي-ئىجتىمائىي قاتلاملىرىدا يەنە ئاز ساندىكى «رادىكال رۇسپەرەستلەر» ئېقىمى بىلەن «خىتايپەرەستلەر» گۇرۇھىغا مەنسۇپ كىشىلەرمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى.
مانا مۇشۇنداق بىر مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «دەرنەك» پائالىيىتىگە مەسئۇت سابىرى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەر گۇرۇھىدىكى سەرخىللاردىن تارتىپ، ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا ماھىل بىلىم ئادەملىرىگىچە قاتنىشىشى؛ ھەتتا يۇقىرىقى ھەر ئىككى گۇرۇھتىن مەلۇم ئارىلىق ساقلاپ تۇرغان بۇرھان شەھىدىدەك شەخسلەردىن تارتىپ، بىر قىسىم قازاق سەرخىللىرى بىلەن دىنىي ئۆلىمالارنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى، «دەرنەك» نىڭ كۆپ قاتلاملىق، سىغدۇرۇشچان، ئاممىۋى خاراكتېرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەن ئىككى لاگېر ئوتتۇرىسىدا يېڭىلا باشلانغان سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلانغان ئۈرۈمچىدە «دەرنەك» تىن ئىبارەت تەرەپسىز ۋە سىغدۇرۇشچان ئىلىم مۇنبىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ھەقىقەتەنمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «دەرنەك» نىڭ باش مۇنبىرىدىن باشقا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ تەسىرنىڭ بەزى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگىچە كېڭەيگەنلىكىنى، يەنى قاراشەھەر ۋىلايىتىنىڭ كورلا ۋە بۈگۈر قاتارلىق ناھىيەلىرىدىمۇ «دەرنەك» نىڭ شۆبە مۇنبەرلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، بىر قاتار ئىلمىي ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
ئۇ يەنە «دەرنەك» نىڭ 1948-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر زور كۆلەملىك ئولتۇرۇمىدا، مەرھۇم مىللەتپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەسلەپ ئۆتۈلگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يالقۇنلۇق شېئىرلىرىدىن ئارىيەلەر ئوقۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
(داۋامى بار)